Uyghur主要词典
غەزەپ نەپرەت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قاتتىق يىرگىنىش ھېسى، بەك يامان كۆرۈش.
مۇھەببەت، مېھىر، مېھىر - مۇھەببەت
چوڭقۇر سۆيگۈ ھېسى، بەك ياخشى كۆرۈش.
مۇھەببەتنىڭ بەدىلى مۇھەببەت. نەپرەت سۆزدىن بىلىنەر، مۇھەببەت كۆزدىن. زاھىدغا سەللىنىڭ نېمە كېرىكى، مۇھەببەتكە دەللىنىڭ نېمە كېرىكى. دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت. مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر تۇغقان ئەمەس، لېكىن بۇلارنى ئايرىماق تەس. كىم مېھىر كۆرسەتسە يىرتقۇچ بۆرىگە، ئازابلىق دەرد قوشتى قوينىڭ دەردىگە. مېھىر - مۇھەببىتى چىڭ بولسا، غەزەپ - نەپرىتى قاتتىق بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
غەزەپ ۋە نەپرەت.
خەت ئوقۇلۇپ تۈگە - تۈگىمەي، خەلق توپى دېڭىزدەك چايقىلىپ، تۈگۈلگەن مۇشتلار ھاۋادا پۇلاڭلاپ، غەزەپ - نەپرەت سادالىرى گۈلدۈرمامىدەك ياڭراپ كەتتى.