Uyghur主要词典
غەزەپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق نەپرەت تۇيغۇسىدىن پەيدا بولغان روھىي ھالەت.
ئاچچىق كەلسە، ئەقىل قاچىدۇ. ئاچچىقتىن قېرىيسەن، كۈلكىدىن ياشىرىسەن. غەزەپ ئەقىل چىرىغىنى ئۆچۈرەر. خۇدانىڭ قەھرى تۇتسا، چۈمۈلىگە قانات بېرەر. قەھرى بار، غەيرىتى يوق. جۇدۇنى تۇتسا، ئۇ ھەر بالادىن يانمايدۇ. ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق. زەردىسى بارنىڭ ئەقلى بولسا، ئىش ئاسان بولاتتى.
پسىخولوگىيە
بۇ غەزەپلىنىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. ئۇ ئارزۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋەرگەندە تەدرىجىي توپلامغا جىددىيلىك كەيپىياتىدىن يۈز بېرىدۇ. يېنىك نارازىلىق، خاپىلىق، نەپرەت ئاخىرى بېرىپ قاتتىق غەزەپلىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ، كىشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ياكى باشقىلارنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندا ئوڭايلا غەزەپ قوزغىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھەددىدىن زىيادە نەپرەت، ئاچچىق.
غەزىپى كەلمەك.
مۆمىن ئاكامنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى.