Uyghur主要词典
غەزەل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: غەزەلىييات. بېيىت، شېئىر، غەزەل:
ھەجرىدە مەن ئوقۇپ غەزەل راك ئىلە مۇختەلىف نەئىن،
بەلكى نەۋادا قىچقىرىپ خەلق ئارا بىنەۋا بولاي.
موللا سالېھ.
لەبى پەيمانىدىن تۆكتى ئەسەلنى،
ئوقۇپ گۇل فۇرقەتىدە بۇ غەزەلنى،
خىرقەتى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شەرق خەلقلىرى ئەدەبىياتىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا كەڭ تارقالغان لىرىك ژانىر. غەزەل دەسلەپ ئىشقى - مۇھەببەت تېمىسىدا يارىتىلغان، كېيىنكى چاغلاردا ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئەخلاقىي، تەلىم - تەربىيە تېمىلىرىدىمۇ يېزىلىشقا باشلىدى. ناۋايى قاتارلىق شائىرلار ھەجۋىي خاراكتېردىكى غەزەللەرنىمۇ ياراتتى.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نىم شېھىت قاتارلىق شائىرلار مۇشۇ ژانىردا خەلقنى ئويغىتىش، بىلىم - مەرىپەتكە دەۋەت قىلىش، كۈرەش قىلىپ يېڭى ھايات قۇرۇش تېمىلىرىدا نۇرغۇن غەزەللەرنى يازدى ۋە يېڭى - يېڭى شەكىللەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.
غەزەل ئاز بولغاندا ئۈچ بېيىتتىن، كۆپ بولغاندا ئون، ئون ئىككى بېيىتتىن (بەزىدە ئۇنىڭدىن كۆپ) ئىبارەت بولىدۇ. غەزەلنىڭ بىرىنچى بېيىتى ئۆز ئارا قاپىيداش بولۇپ، كېيىنكى جۈپ مىسرالار ئۇنىڭغا ماسىلىشىپ كېلىدۇ. تاق مىسرالار بولسا ئوچۇق قالىدۇ. ( ئا - ئا، ب - ئا، پ - ئا).
غەزەلنىڭ بىرىنچى بېيىتى قاپىيىلەنمىسە، ئۇنى قىتئە غەزەل دەپ ئاتايدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆيگۈ - مۇھەببەت توغرىسىدىكى قاپىيلىك شېئىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر - قوشاق بىلەن كۈي ئاھاڭنىڭ بىرىكمىسى. <ئېيتماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ. كىشىلەر بەلەن ئاۋاز بىلەن ئېيتىدۇ.
<ناخشا> ئومۇمىي نام.
<غەزەل> قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
<شەرق> 30 - يىللاردا ئوقۇغۇچىلار ناخشىسىنى كۆرسىتەتتى.
<مارش> قوشۇن يۈرۈش قىلغاند
يىغلاپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ناخشا ئېيتىپ ئۆلگەن ئەلا. ناخشا ياڭرىغان يەردە ھاياتنى نەس باسماس. يېڭىدىن غەزەل چىقتى، ئېيتالماي جېنىم چىقتى. غەزەلنى باشلىماق تەس. <بىز ئىزچىلار بىز> دېگەن شەرقنى 30 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئېيتاتتى. <پىدائىيلار مارشى> ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ گېمىنى.
ئۆلەن:
ھاي - ھاي ئۆلەن، جان ئۆلەن، ئۆلەن كۆپتۈر، يار - يار.
ئۆلەن ئېيتقان تىلىڭدىن ماڭا ئۆپتۈر، يار - يار.
يار - يار:
تاغدا تايچاق كىشنەيدۇكەن، ئات بولدۇم دەپ يار - يار، ئات بولدۇم دەپ،
ئۆيدە كېلىن يىغلايدۇكەن، يات بولدۇم دەپ، يار - يار، يات بولدۇم دەپ.
لاي - لاي:
چەش دۆۋىلىنىپ تاغ بولدى ئەجرىمىزدىن لاي - لاي -لاي،
تاشتى شادلىق سەل بولۇپ قەلبىمىزدىن لاي - لاي - لاي،...
ئەللەي:
قاراڭغۇدا تۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي،
بۇشۇگۈڭدە بۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي...
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
دەسلەپكى بېيتنىڭ ھەر ئىككى مىسراسى قاپىيداش بولغان، كېيىنكى بېيتلىرىنىڭ ئاخىرقى مىسراسى دەسلەپكى ئىككى مىسراسىغا قاپىيداش بولۇپ كېلىدىغان لىرىك شېئىر.
ناۋايى غەزەللىرى، گۇمنام غەزەللىرى.
ئاھاڭغا سېلىنغان شۇ خىل شېئىر؛ ناخشا.
غەزەل ئېيتماق.