Uyghur主要词典
غەزەپلەنمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭلىگە تەگكەن ھالەتتىن نارازى ۋە خاپا بولماق.
ئۇ سېنىڭ ۋاقتىدا كەلمىگىنىڭگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇ بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ كەتتى. تۇرسۇننىڭ تۈنۈگۈن سىرنى ئاشكارىلاپ قويغىنىدىن ئاچچىقى كېلىپ، تۈكلىرى تەتۈر ئۆرۈلدى. ئۇ ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن، قۇيقا چاچلىرى تىك تۇردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
غەزىپى كەلمەك، قاتتىق ئاچچىقلانمان.
ئۇ كۆز ئالدىدا ئاشكارا ھالدا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق كەمسىتىش ۋە خورلۇققا ئىچ - ئىچىدىن غەزەپلەندى.