Uyghur主要词典
گالوگېنلار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خىمىيە
فتور، خلور، بروم، يود ۋە ئاستاتىن قاتارلىق بەش خىل ئېلېمېنت خىمىيىۋى خۇسۇسىيەت جەھەتتە بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلىپ، گالوگېنلار دېيىلىدۇ. گالوگېنلار بىۋاستە مېتاللار بىلەن بىرىكىپ تۇز ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلار ئەڭ كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى ۋە خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ دورا، بوياق، سىنتېتىك كاۋچۇك قاتارلىقلار ياسىلىدۇ. ئۇلار يەنە گالوگېنلار گۇرۇپپسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.