Uyghur主要词典
گالىچ كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
12 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە گالىچ شەھىرىنى مەركەز قىلغان غەربىي جەنۇب رۇسىنىڭ فېئوداللىق كىنەزلىكى. زېمىنى رۇس، پولشا ۋە ۋېنگرىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئەسلىدە كېيىۋرۇسقا تەۋە جاي. 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فېئوداللىق مۇناسىۋەت تەرەققىي قىلىپ، فېئوداللىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەسىرى كۈچەيگەنلىكتىن، كېيۋرۇس بىرمۇنچە ئۇششاق مۇستەقىل دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. گالىچ كىنەزلىكى بۇلارنىڭ بىرى، كىنەز يارۇسلاۋ ئوسمۇمسىل (1152 - 1187 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، خېلى گۈللەنگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى نىزا پەيدا بولغان ھەمدە ۋېنگرىيىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان. 1199 - يىلى قوشنىسى ۋلادىمىرۋولن كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى رومان مىستىسلاۋىچ (1170 - 1205 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىپ، گالىچ - ۋولن كىنەزلىكى قۇرۇلغان. رومان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇدا فېئوداللىق يىغىلىقلار بولغان، ۋېنگرىيە بىلەن پولشامۇ ئۈزلۈكسىز ئارىلاشقان، 1236 - يىلىغا كەلگەندە، روماننىڭ ئوغىلى دانىل رومانوۋىچ (1201 - 1264) ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، فېئوداللىق بۆلۈنمە كۈچلىرىنى يوقاتقان. 1240 - يىلدىن كېيىن، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، گالىچ - ۋولن كىنەزلىكى پولشا ۋە لىتۋا فېئوداللىرى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان. 17 - ئەسىرگە كەلگەندە، روسىيە بىلەن پولشانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلىش (1654 - 1667) ئارقىسىدا، پولشا يېڭىلىپ، روسىيە گالىچ رايونىنى قايتۇرۋالغان.