Uyghur←Chinese主要词典
گالىچ كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
加利奇公国
jiā lì qí gōng guó
ⅡⅩ ئەسىردىن ⅣⅩ ئەسىرگىچە گالىچ شەھىرىنى مەركەز قىلغان غەربىي جەنۇب رۇسىنىڭ فېئوداللىق كىنەزلىكى. زېمىنى رۇس، پولشا ۋە ۋېنگرىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئەسلىدە كېيىۋرۇسقا تەۋە جاي. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فېئوداللىق مۇناسىۋەت تەرەققىي قىلىپ، فېئوداللىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەسىرى كۈچەيگەنلىكتىن، كېيۋرۇس بىرمۇنچە ئۇششاق مۇستەقىل دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. گالىچ كىنەزلىكى بۇلارنىڭ بىرى، كىنەز يارۇسلاۋ ئوسمۇمسىل (1152 - 1187 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، خېلى گۈللەنگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى نىزا پەيدا بولغان ھەمدە ۋېنگرىيىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان. 1199 - يىلى قوشنىسى ۋلادىمىرۋولن كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى رومان مىستىسلاۋىچ (1170 - 1205 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىپ، گالىچ - ۋولن كىنەزلىكى قۇرۇلغان. رومان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇدا فېئوداللىق يىغىلىقلار بولغان، ۋېنگرىيە بىلەن پولشامۇ ئۈزلۈكسىز ئارىلاشقان، 1236 - يىلىغا كەلگەندە، روماننىڭ ئوغىلى دانىل رومانوۋىچ (1201 - 1264) ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، فېئوداللىق بۆلۈنمە كۈچلىرىنى يوقاتقان. 1240 - يىلدىن كېيىن، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، گالىچ - ۋولن كىنەزلىكى پولشا ۋە لىتۋا فېئوداللىرى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان. ⅦⅩ ئەسىرگە كەلگەندە، روسىيە بىلەن پولشانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلىش (1654 - 1667) ئارقىسىدا، پولشا يېڭىلىپ، روسىيە گالىچ رايونىنى قايتۇرۋالغان.