Uyghur主要词典
گالىسۋورىس
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1933) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. ئادۋوكاتا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ئوكسىفورد داشۆسىدە قانۇن ئوقۇغان. 1890 - يىلى ئادۋوكات بولغان. جايلاردا ساياھەتتە بولغان. 1897 - يىلدىن باشلاپ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان، <قاراسلىقلار ئارىلى> دېگەن رومانى بىلەن نام چىقارغان. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە ئەنگلىيە يۇقىرى قاتلام بۇرژۇئازىيىسىنىڭ چاكىنلىقى ۋە ساختىلىقلىرىنى پاش قىلغان ھەمدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ئاز - تولا تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن يەنە <فورسىيتلار ئائىلىسى>، <بىساتلىق ئادەم>، <يولۋاسقا مىنىش>، <ئىجارىكەش>، <ھازىرقى زامان كومېدىيىسى> (<ئاق مايمۇن>، <كۈمۈش ئاچقۇچ>، <ئاققۇ ناخشىسى>)، <ئاخىرقى سۆز> (<دېدەك>، <گۈللەر ئېچىلغان ئاي دالا>، <دەريانىڭ ئۇ قېتىدا>) قاتارلىقلار بار. 1932 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.