Uyghur主要词典
گاللىيە جەڭنامىسى
دۇنيا تارىخى
كىتاب نامى. قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى سىياسىئون. ھەربىي ئالىم، يازغۇچى كائېسارنىڭ ئەسىرى. ئاپتور گاللىيىدە باش ۋالىي بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 58 - 49) يازغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 52 - 51 يىل ئىلگىرى قىشتا پۈتتۈرگەن. جەمئىي سەككىز توم. ئالدىنقى يەتتە تومنى كائېسار ئۆزى يازغان، ھەربىر تومىدا بىر يىلدىكى ئىشلار خاتىرلەنگەن، ئاخىرقى بىر تومنى ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئوليوس ئېريۇس داۋاملاشتۇرۇپ پۈتتۈرگەن. كائېسار بۇ كىتابنى ئۆزىنى ئاقلاش مەقسىتىدە يازغان. لېكىن تۆھپە بىلەن خاتالىق، ھەق بىلەن ناھەق ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئوبيېكتىپ سالماق تەسەۋۋرۇلار ئىچىگە كىرگۈزۋەتكەن، شۇنداقلا بۇ قەدىمكى زاماندىكى گاللىيە ۋە گېرمانلار رايونىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخى توغرىسىدىكى خاتىرە، قەدىمكى زامان جەمئىيىتى ۋە مىللەتشۇناسلىقىنى تەتقىق قىلشتىكى قىممەتلىك ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتا ۋەقەلىكلەر ئېنىق - توغرا خاتىرىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى تازا يېتىلگەن ئۇسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، قەدىمكى زامان ئالىملىرى ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ قەدىرلىشىگە سازاۋەر بولغان، لاتىن يېزىقىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بار.