Uyghur主要词典
گاللىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمىي جاي نامى. ئاساسەن ئىككى چوڭ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئالپ تېغىنىڭ جەنۇبى، يەنى رىملىقلار ئېيتىدىغان تاغ ئىچىدىكى گاللىيە، بۇ ئىتالىيىدىكى رۇبىكون دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى پو دەرياسى (پادۇس دەرياسى) ۋادىسىغا تەڭ كېلىدۇ (تاغ ئىچىدىكى گاللىيە پەنە پو دەرياسىنى چېگراقىلىپ دەريانىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە ۋە دەريانىڭ شىمالىدىكى گاللىيە دەپ ئايرىلغان)، مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان؛ پو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ غەربىدىكى ناربون گاللىيىنىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىم ئىشغال قىلىۋالغان. (2) ئالپ تېغىنىڭ شىمالى، يەنى رىملىقلار ئېيتىدىغان تاغ سىرتىدىكى گاللىيە، بۇ رېين دەرياسىنىڭ غەربىدىن ھازىرقى فرانسىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگنى ۋە گوللاندىيە، شۋېتسارىيەنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مىلادىدىن 58 - 51 يىل ئىلگىرى رىم قوماندانى كائېسار بويسۇندۇرغان. گاللىيىلىكلەر كېلىتلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <گاللىيە ئۇرۇشى> غا قاراڭ.