Uyghur主要词典
دېئوباند ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ⅩⅨئەسىردىكى ھىندىستاندا ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى كۆزد تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى ھىندىستاندىكى نانۇتالىق قاسىم نانۇتاۋى قوزغىدى. شىمالىي شىتاتتىكى قەدىمىي شەھەر دېئوباند مەدرىسىسىنى مەركەز قىلدى. ئىسلام دىنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشنى، <قۇرئان كەرىم> گە ۋە سۈننەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى، سىرتتىن كىرگەن ئىسلام دىنىغا يات ئامىللارنى يوقىتىشنى؛ غەربنىڭ خرىستىئان مەدەنىيىتىگە ۋە ئىلىم - بىلىملىرىگە قارشى تۇرۇپ، دىندىن تاشقىرى مائارىپ ئورنىغا مەدرىسە تەربىيىسىنى دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. دىنىي ئىسلاھاتنى مەقسەت قىلغان ئالىقال ھەرىكىتىگە قارشى تۇردى. دېئوباند مەدرىسىسى نۇرغۇن ئىمام تەربىيلىدى. رەشىد ئەھمەد گەنگۋاشى، مەھمۇد ھەسەن شېرىف ئەلى (1863 - 1943)، سابىر ئەھمەد ئوسمانى (1885 - 1949) ۋە مۇفتى مەھمۇد قاتارلىق كىشىلەر شۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ. كېيىن پاكىستان قۇرۇش مەسىلىسىدە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلنغاندىن كېيىن، ئۆكتىچىەر ھىندىستاندا قېلىپ، دېئوباندنى داۋاملىق مەركەز قىلدى. قوللىغۇچىلار پاكىستانغا كۆچۈپ بېرىپ، لاھۇر، مولتان، كاراچى قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت مەركەزلىرىنى قۇردى.