Uyghur主要词典
دېئالېكتىك لوگىكا
پسىخولوگىيە
لوگىكا دېئالېكتىكىسى ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈشنى، دېئالېكتىك تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىنسان تەپەككۇرى فورمىلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. 19 - ئەسىردە گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگىل دىئالېكتىك لوگىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. لېكىن ئۇ ئىدىئالىستىك تۈسكە ئىگە ئىدى. 19 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىغا كەلگەندە، ماركسىزملىق پەلسەپە بالىققا كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئىلمىي دىئالېكتىك لوگىكا بارلىققا كەلدى. ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكىنىڭ ئەڭ تۈپ قانۇنى قارىمۇ قارشىقنىڭ بىرلىكى قانۇنىدۇر. جۈملىدىن دىئالېكتىك لوگىكىنىڭمۇ ئەڭ تۈپ قانۇنىدۇر. تەپەككۇر دىئالېكتىكىسى شەيئىلەر دېئالېكتىكسىنىڭ ئىنكاسى، ماركسىزملىق پەلسەپىدە دېئالېكتىكا، بىلىش نەزەرىيىسى، لوگىكا بۇ ئۇچىسى ئوخشاش. دىئالېكتىك لوگىكا تەپەككۇرنىڭ تاشقى شەكلى توغرىسىدىكى تەلىمات ئەمەس، ئۇ ئۇقۇمنىڭ زىددىيىتى بىلەن ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىدۇ. رېئال زىددىيەتلەر ھەرىكىتىنىڭ تەپەككۇر ھەرىكىتىدىكى ئىنكاس فورمىسىنى، ئادەمنىڭ دۇنيانى بىلىشىنىڭ تارىخىي مەجمۇئى بىلەن نەتىجىسىنى تەكشۈرىدۇ. ئۇ لوگىكا كاتېگورىيسىنى ئادەمنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىشىنىڭ ھەر بىر ھالقىسى، بىزنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى تورىنى ئىگىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان تور تۈگمىسى، دەپ قارايدۇ، ھەمدە تۈرلۈك ھۆكۈم ۋە خۇلاسە فورمىلىرى بىر قاتاردىكى نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار بىلىشىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا باغلىق بولغان بىر - بىرىنى ئالغا سۈرۈپ، تۆۋەن فورما ئىچىدىن تەرەققىي قىلىپ چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك فورمىسى دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ مەسىلىگە قاراشتا ئوبيېكتىپ قارىشىنى يەنى ئەتراپلىق، باغلىنىشلىق تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانىدىن، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ بارلىق ئاساسىي ئامىللىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلاردىن قايسىسى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئىمكانىيەتلىك تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالنىڭ قانداقلىقىنى ، قانداق شارائىت يارىتىپ ئۇ خىل ئىمكانىيەتنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئانالىز بىلەن سىنتېزلەشنى بىرلەشتۈرۈشنى، دېدۇكسىيە بىلەن ئىندۇكسىيىنى بىرلەشتۈرۈشنى، لوگىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تارىخىي ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ فورمال لوگىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پەلسەپە بىلەن كونكرېت پەننىڭ مۇناسىۋىتىدۇر. ماركىسزملىق دېئالېكتىك لوگىكا فورمال لوگىكىنىڭ تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. لېكىن ئۇ فورمال لوگىكا ئورنىنى باسالمايدۇ.