Uyghur主要词典
دېئاكىن
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1919) ئاۋسترالىيە قوشما شتاتلىرىنىڭ زۇڭلىسى (1903 - 1904، 1905 - 1908، 1909 - 1910). 1856-يىلى ۋىكتورىيە شتاتىدىكى فىسروي دېگەن جايدا تۇغۇلغان. مېلبۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، 1878-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1882-يىلى ۋىكتورىيىدە قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولغاندا، خانلىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1884-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ دېھقانچىلىق سۇغىرىش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سۇ مەنبەسىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ قانۇن ماقۇللانغان. 1891-يىلى ئاساسىي قانۇن لايىھىسنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قوشما شتات قۇرۇلغاندا، ھېنرى پاكىس بىلەن بىرلىكتە دۆلەت نامىنى <ئاۋسترالىيە قوشما شتاتى> قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياستىنى يولغا قويغان. پېسنىيە پۇلى بېرىشنى بەرپا قىلغان، مۇداپىئە پىلانى تۈزۈپ چىققان. تاشقى ئىشلار جەھەتتە بىر قەدەر مۇستەقىل پوزىتسىيە قوللىنىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇئەييەن رول ئوينىغان. <قوشما شتاتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى> دېگەن كىتابىدا، قوشما شتات ھەرىكىتىدىكى شەخسلەر ۋە ۋەقەلەرنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلغان.