Uyghur主要词典
دېپرېتىس
دۇنيا تارىخى
(1813 - 1887) ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1876 - 1878، 1878 - 1879، 1887 - 1881) مۇخبىر بولغان. ياش ۋاقتىدا ماززىننىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك تەشەببۇسىنى ھىمايە قىلغان ھەمدە ياش ئىتالىيە پارتىيىسىگە كىرگەن. 1848-يىلى پېئېمونتې پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، جۇمھۇرىيەتچىلىك تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدىغان <ھەققانىيەت> گېزىتىنى چىقارغان. 1860-يىلى گارىبالدى سىتسىلىيە ئارىلىغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا كىرىسپى باشچىلىقىدىكى دېموكراتچىلار ۋە سىتسىلىيە ئارىلى بىلەن ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كاۋۇر باشچىلىقىدىكى ھۈرىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرگەن ھەمدە كاۋۇر لۇشيەنىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىجرا قىلغان. 1862- ۋە 1866- يىللاردا ئىككى قېتىم ئىچكى كابىنتقا قاتناشقان. 1873- يىلدىن باشلاپ، پۇل مۇئامىلە - سانائەت بۇرژۇئازىيىسى ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىلىك قىلىدىغان <سول قانات> نىڭ باشلىقى بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ، پەيدىنپەي مۆتىدىل پادىشاھپەرەس بولۇپ قالغان تاشقى جەھەتتە گېرمانىيە ئاۋسترىيە بىلەن يېقىنلاشقان. 1882-يىلى گېرمانىيە ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ھەمدە ئافرىقىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، مۇستەملىكىلەرنى قۇرۇشقا باشلىغان.