Uyghur主要词典
دېتروئىت
بىئولوگىيە
ئا ق ش نىڭ شىمالىدىكى مىچگان شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قسىمىغا جايلاشقان چوڭ سودا - سانائەت شەھىرى، دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق ئاپتوموبىل سانائەت مەركىزى. دېتروئىت شەھىرى دېتروئىت دەرياسىنىڭ غەربىگە، سېنت كىلار كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ شەھەر كانادانىڭ مۇھىم ئاپتوموبىل سانائەت شەھىرى ئوينىسور بىلەن كۆۋرۈك ھەم يەر ئاستى تونېلى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. چوڭ دېتروئىت شەھىرىنىڭ 4 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). 1701 - يىلى فرانسىيە دېتروئىتنى مۇھىم مال ئالماشتۇرۇش پونكىتى قىلغان. 1825 - يىلى ئېرى قانىلى قېزىلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ سانائەت شەھىرىگە ئايلانغان. 1899 - يىلى شەھەر ئەتراپىدىكى ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر، كۆمۈردىن ئىبارەت سانائەت تارماقلىرى ئاساسىغا ئاپتوموبىل سانائىتى قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي ھالدا ئا ق ش نىڭ ئاپتوموبىل سانائەت مونوپول كاپىتالىستلىرىنىڭ ۋە ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئايروپىلان ياساش، ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ياساش، پولات - تۆمۈر، ئاليۇمىن، خىمىيە، دورا، كاۋچۇك، ھېسابلاش ماشىنىسى قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ ئا ق ش بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.