Uyghur主要词典
دراۋىدىئانلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى، ئارىيانلار كېلىشتىن بۇرۇن ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقان. ئادەتتە، ئۇلار ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى دەپ قارالماقتا. ئۇلارنىڭ ئىرقى تەۋەلىكى مەسلىسىدە ئالىملارنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر<ساپ ئوتتۇرا دېڭىز رايونى ئىرقى>غا تەۋە دەپ قارايدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئوتتۇرلىرىدا، ئارىيانلار شىمالىي ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن،بىر بۆلۈك دراۋىدىنئانلار بارابارا بويسۇندۇرۇلغان ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان. يەنە بىر بۆلىكى جەنوبى ھىندىستانغا كۆچۈپ كېتىپ، كېيىن كۆپىنچىسى تائىپە تۈزۈمىنىڭ تۆۋەن تەبىقىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، زۇلۇم ۋە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان، بۇگۈنكى كۈندە دراۋىدىئانلارنىڭ كۆپلىگەن ئەۋلادلىرى بار.