Uyghur主要词典
دراما
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە drama ھەرىكەت سۆزىدىن)
بەدىلىي ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى تۈرلىرىدىن بىرى. دراماتىك ئەسەرلەر دىئالوگلارغا ئاساسلىنىدۇ. رومان، پوۋېست، ھېكايە، ئوچېرىك ئاپتورلىرى ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ ئورنى، كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە قىلمىشلىرى ھەققىدە ھېكايە قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇرلانى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، درامىدا پۈتۈن ھېكايە ياكى ۋەقەلىك تامامەن پېرسوناژلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. پۈتۈن ھەرىكەت، مەنزىرە ۋە پېرسوناژلار ئۆز - ئۆزىدىن بارلىققا كەلگەندەك ۋە سۆزلەۋاتقاندەك بولىدۇ، ئاپتور كۆرۈنمەيدۇ. لىرىك ئەسەرلەردە قەھرىماننىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى، ھېس - تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىشقا بولىدۇ، دراماتىك ئەسەرلەردە بولسا ئۇنداق ئەمەس، بەلىكى ئاپتور دراما قەھرىماننىڭ لىرىك ھېس - تۇيغۇلىرىنى تاماشىبىنلارغا پەقەت ئاشۇ قەھرىماننىڭ كونكرېت سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىقلا كۆرسىتىدۇ.
دراما تراگېدىيە، دراما، كومېدىيە، رادىئو درامىسى ۋە كىچىك پىيېسسە قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئەدەبىيات بىلىملىرى
كونىلار: «سەھنە ئەسىرى درامىنىڭ ئاساسى» دېگەن. سەھنە ئەسىرى سەھنىدە ئويناپ چىقىشنىڭ ئاساسى، ئۇ پروزا، شېئىر، نەسرلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەدەبىي ژانىر.
سەھنىدە ئوينىلىش دراما ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. سەھنە ئەسىرى يېزىش تامامەن سەھنە سەنئىتى قانۇنىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. سەھنە ئاران نەچچە ئون كۋادرات مېتىر، ئوينىلىدىغان ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، سەھنە ئەسىرىدە پېرسوناژ، كۆرۈنۈش، ۋاقىتنىڭ يۈكسەك مەركەزلىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. لاۋ شېنىڭ«چايخانا» ناملىق درامىسىدىكى ۋەقەلىكنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى ئۇزاق،1898 - يىلىدىكى ۋۇشۈي قانۇن ئۆزگەرتىشىدىن1948 - يىلىغىچە يېزىلغان بولسىمۇ، پۈتۈن ئەسەر ئۈچ پەردە، ۋەقە بىرلا ئورۇندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككى يېرىم سائەتتە ئوينىلىپ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ دراما سەھنىدە ئوينىلىشچانلىق تەلىپىنى ياخشى گەۋدىلەندۈرگەن.
دراما ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ كۈچلۈك دراماتىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى. «توقۇنۇش بولمىسا، درامىمۇ بولمايدۇ.» دراماتىك خۇسۇسىيەت دېگىنىمىز، زىددىيەت توقۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا چەكلىك سەھنە ماكانى ۋە زامانى ئىچىدە پېرسوناژلارنىڭ ھەر خىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلىرى ئارقىلىق ۋەقەلىكنى قانات يايدۇرۇش، پېرسوناژلارنى سۈرەتلەش، دراماتىك ئەھۋاللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
مەشھۇر دراماتورگ ساۋ يۈنىڭ »گۈلدۈرماما« سىدا كۈچلۈك دراماتىك خۇسۇسىيەت بولۇپ، جۇ پۇيۈەن، لۇ گۇي ئىككى ئائىلىدىكى يەتتە پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ، چوڭقۇر زىددىيەت توقۇنۇشى گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەنە شۇنداق كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
سەھنىدە ئويناش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، دراما ئەسەرلىرىدە بىۋاسىتە ئاپتور بايانى بېرىلمەيدۇ، پەقەت پېرسوناژلار تىلىلا بېرىلىدۇ، مەسىلەن، مونولوگ، دىئالوگ، ناخشا تېكىستى دېگەندەك. درامىدىكى ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىمۇ ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. دراما تىلى ھېكايە قاتارلىق باشقا ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ تىلىغا قارىغاندا ئېغىز تىلىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. ھەرىكەتكە ماسلاشقان ۋە خاراكتېرلەشكەن بولىدۇ.
دراما ئەدەبىياتىنىڭ تۈرى كۆپ. ئىپادىلىگەن دراماتىك توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، تراگېدىيە، كومېدىيە ۋە دراما دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ بەدىئىي شەكلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا قاراپ يەنە دراما، شېئىرىي دراما، ئوپېرا دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
سۆز بىلەن ھەرىكەتنى ئاساسلىق ئورۇنداش ۋاسىتىسى قىلغان تىياتىر − دراما دەپ ئاتىلىدۇ. ناۋادا شىچۈي تىياتىرىنىڭ تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى »ئويدۇرما« دېيىلسە، ئۇنداقتا درامىنىڭ تۇرمۇشنى ئىپادىلەشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى »رېئال تەسۋىر« بولىدۇ. دراما سۆز سەنئىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. ئۇ ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىدۇ، ۋەقەلىكنى ئېچىپ بېرىدۇ، تېمىنى ئىپادىلەيدۇ. سۆز − دىئالوگ، مونولوگ، يان مونولوگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دراما ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئەللەردە تىياتىر دەپ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە درامىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبى بويىچە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى دراما ۋە زامانىۋى دراما دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى دراما − يېڭى دراما ياكى مەدەنىي ئويۇن دەپ ئاتالغان. زامانىۋى دراما − ھەقىقىي يېڭى دراما، گۈزەللىكنى سۆيۈش درامىسى ۋە ئاۋام تىلى درامىسى دەپ ئاتالغان.1928 - يىلى خۇڭ شېن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن نامىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ دراما دەپ ئاتالغان.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى دراما كونا دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان.1907 - يىلى ياپونىيىدىكى يېڭى تىياتىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن لى شۇتۇڭ، زىڭ شياۋگۇ، ئوۋياڭ يۈچيەن قاتارلىقلار باھاردىكى مەجنۇنتال ئۇيۇشمىسى (社柳春) نى تەشكىللەپ، »نېگىر قۇلنىڭ كۆككە مۇراجىئەت قىلىش خاتىرىسى« (录天吁奴黑) درامىسىنى ئويناپ چىققان، مانا بۇ مەمىلىكىتىمىزدە دەسلەپكى درامىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دەسلەپكى درامىنىڭ ئەسىرى پەردە جەدۋىلى (表幕) شەكلىدىرەك بولۇپ، ئاكتيورلار پەقەت ئاددىيغىنا ۋەقەلىك مەزمۇنى ۋە پەردە جەدۋىلىگە ئاساسەن نەق مەيداندىكى ئىلھامى بويىچە ئورۇندايدۇ.
ياۋروپا زامانىۋى درامىسى «4 - ماي ھەرىكىتى» دىن كېيىن جۇڭگوغا كىردى، ئامېرىكىدا مەخسۇس تىياتىر ئۆگىنىپ كەلگەن خۇڭ شېن ئەپەندىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسى بىلەن1924 - يىلى ئەنگلىيىلىك ئوسكار ۋېلدنىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن دراما »شاۋ موماينىڭ يەلپۈگۈچى« مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينالدى. ھازىرقى زامان درامىسى كەسپىي خاراكتېرلىك بولمىغان ئويۇن قويۇشنى، سەھنە ئەسىرى ۋە رەپىتىس تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭى تىياتىردىكى تاۋارلىشىش، چاكىنىلىشىش خاھىشىنى ئۆزگەرتتى. گومورونىڭ تارىخىي درامىسى «جۇۋېنجۈن»، تيەن خەننىڭ زامانىۋى درامىسى «چولپاننىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىقلارنىڭ سەھنىدە ئوينىلىشى رېئالىزملىق تىياتىر ئەدەبىياتىنىڭ دراما ھەرىكىتىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دراما سەنئىتىنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدا، زامانىۋى درامىدا زور تەرەققىياتلار بولۇپ، شيايەن، ساۋ يۈي قاتارلىقلارنىڭ نادىر درامىلىرى «شاڭخەيدىكى لەمپە ئاستىدا»، «گۈلدۈرماما»، «كۈن چىقتى» قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن سەھىنىگە چىقتى.
ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، زامانىۋى دراما جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. كۆپ پەردىلىك درامىلارنى ئىجاد قىلىپ ئويناش بىلەن بىرلىكتە، ئىخچام، چاققان كوچا درامىسى، دوقمۇش درامىسى ۋە بىر پەردىلىك درامىلار كەڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ كوچا - دوقمۇشلىرىدا ئوينىلىپ، ياپونغا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
ئەدەبىيات
ئاپتور تىلى ئارىلاشتۇرۇلماي، دىئالوگ شەكلىدە يېزىلغان سەھنە ئەسىرى؛ ئوپىرا.
دراما يازماق. دراما ئوينىماق.