Uyghur主要词典
دراكې
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1540-1596)ئەنگىلىيىلىك دېڭىزچى، مۇستەملىكىچى. 1567-يىلى خاۋكىنىس كېمە ئەترىتىگە قاتنىشىپ، قۇل سودسى بىلەن شوغۇللانغان ۋە ئىسپانىيىنىڭ كارايىپ دېڭىز رايونىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى تالانتاراج قىلغان. 1577-يىلى 21-ئايدا بەش كېمىنى باشلاپ ئەنگىلىيىنىڭ پىلىموت پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، 1578-يىلى 4-ئايدا جەنوبى ئامېرىكىغا يېتىپ بارغان. 8-ئايدا ماگېللان بوغۇزى ئارقىلىق تېنىچ ئوكيانغا كىرگەن. ئاندىن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلغان، يول ئۈستىدە ئىسپانىيىنىڭ چىلىدىكى مۇستەملىكە پورتى ۋالپارائسونى بۇلاڭتالاڭ قىلغان، ئىسپانىيىنىڭ كېمىلىرىنى توسۇپ بۇلىغان. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ بويلىرى(شىمادا شىمالىي كەڭلىك 48)غا يېتىپ بارغاندىن كېيىن غەربكە قايرىلىپ مالۇككا تاقىم ئارىلى ئارقىلىق ئۈمىت تۇمشۇقىدىن ئۆتۈپ 1580-يىلى 9-ئايدا پىلىموت پورتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ، ماگېللاندىن كېيىن يەر شارىنى ئىككىنچى قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىنى ئورۇندىغان. كورولىۋا ئېلزابېت ئۇنىڭ دېڭىز قاراقچىلىق ھەمدە زاڭ بۆلۈشۈشكە قاتناشقان. 1588-يىلى ئەنگىلىيىدە ئىسپانىيىنىڭ<تەڭداشسىزفلوتى>نى مەغلۇپ قىلغان دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە فلوتىنىڭ ئاساسىي قوماندانلىرىنىڭ بىرى بولغان.