Uyghur主要词典
درۇزىيە مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ تارماق مەزھەپلىرىدىن بىرى بولۇپ، Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىسىردىكى فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ ئالتىنچى خەلىپىسى ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىم (996 - يىلىدىن 1021 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرنىڭ ئاخىرلىرى بارلىققا كەلدى. ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ داھىيسى بولدى. لېكىن زالىم - يولسىز بولۇپ، ئەقىلدىن ئازغاندى. قېرىغاندا ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار تىۋىنغان يەتتىنچى ئىمام ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى. بۇخارالىق تۈرك دائى ئەل دەرازى (؟ - 1910) بىلەن پرسىيلىك ھەمزە ئىبنى ئەلى (985 - يىلىدىن تەخمىنەن 1022 - يىلىغىچە) قاھىرەگە كېلىپ، ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىمنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللىدى. ئەل دەرازى 1017 - يىلىدىن 1018 - يىلىغىچە قاھىرە مەسچىتىدە ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىمنىڭ ئەۋلىيالىق ماقامىغا يەتكەن ئىلاھىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالىي ئالەم روھىنىڭ ناماياندىسى ئىكەنلىكىنى، ئاللانىڭ بۇ دۇنيادىكى خەلىپىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ <تىرىك رەببى> ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلدى. بۇ تەشۋىقات قاھىرەدىكى ئىسمائىلىيە مەزھىپى دائىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى ۋە مۇسۇلمانلار ئىچىدە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلدى. ئەل دەرازى سۈرىيە - لىۋاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى درۇزلار ئارىسىغا بېرىپ دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان درۇزىيە مەزھىپى شەكىللەندى. ئەل دەرازى 1019 - يىلى قازا قىلغاندىن كېيىن، ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىم ھەمزە ئىبنى ئەلىنى باش دائى قىلىپ ھاكىمنى ئىلاھلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھەمدە جايلارغا دائى ئەۋەتىپ دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇدى. ھەمزە ئىبنى ئەلى ئۆزىنىڭ ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىم ئەمر قىلغا نەقىبە ۋە ئىمام ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەمزە ئىبنى ئەلى بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىنى قۇردى. ئەگەشكۈچىلىرىنى <مۇۋەھھىدۇنلار> (ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇغانلار) دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن درۇزىيە مەزھىپى بېكىتىلدى. 1102 - يىلى ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىم يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، قاھىرەدىكى ئىسمائىلىيەلەر درۇزىيەلەرنى مىسىردىن قوغلاپ چىقاردى. ھەمزە ئىبنى ئەلى بۇ مەزھەپ دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان سۈرىيە - لىۋاننىڭ تاغلىق رايونلىرىغا بېرىۋالدى. ئەگەشكۈچىلەر كۈنسايىن كۆپەيدى. ھەمزە ئىبنى ئەلى 1022 - يىلى <غايىب بولغان> دىن كېيىن، بۇ مەزھەپنىڭ دائىسى بەھائىددىن مۇدەننا باشلىقلىقنى ئۈستىگە ئالدى. مۇخلىسلىرى <شەيخ> دەپ ھۆرمەتلەندى. ئۇ لىۋاننىڭ ۋادى تام رايونىنى دىنىي تەشۋىقات مەركىزى قىلىپ، تەشكىلنى تەرتىپكە سېلىپ، تەقىيە پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كۈچىنى ساقلىدى. بەھائىددىن مۇدەننا 1034 - يىلى <غايىب> بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى تۈپەيلىدىن، بۇ مەزھەپ تەشكىلىنى ۋە باشلىقلىرىنى ئاشكارىلىمىدى ھەمدە سىرتتىن مۇخلىس قوبۇل قىلىشنى توختاتتى، سىرتتا دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارمىدى. بېكىنمە شەكىلدىكى دىنىي تەشكىلات بولۇۋالدى. بۇ مەزھەپ قائىدىلەرنى <ھېكمەتنامە> ناملىق توپلام قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەبۇ ئەلى ھاكىم، ھەمزە ئىبنى ئەلى، ئىسمائىل تەمىم، بەھائىددىن مۇدەننا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ 111 پارچە خېتىنى كىرگۈزۈپ، درۇزىيە مەزھىپى ئەمەل قىلىدىغان كىتاب قىلدى. بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەر ئانچە بىلمەيتتى. ⅩⅪ ئەسىردە مىسىرنىڭ ۋالىسى مۇھەممەد ئەلىنىڭ قوشۇنى سۈرىيىدىكى درۇزىيە مەزھىپىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇرغۇن كىتابلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى كىشىلەر تەدرىجىي بىلدى.
درۇزىيە مەزھىپى ئىسمائىلىيەلەرنىڭ ئالەم نەزەرىيىسى ۋە <غايىب ئىمام ئەقىدىسى> ئاساسىدا، ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئەقىدىسىنى ۋە قائىدە - يوسۇنىنى شەكىللەندۈردى. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى مۇنداق: (1) بىر ئاللاغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۇشرىكلىككە قارشى تۇرىدۇ. ئاللا بىردىنبىر يۈكسەك ئىلاھىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئاللادا باشقا سۈپەتلەر بولمايدۇ. ئاللا ھېكىمىتىنى ئىنساننىڭ ئەقلىي چۈشىنەلمەيدۇ، ئاللانىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى خەلىپىسىلا ئاللانىڭ مۇددىئاسىنى چۈشىنەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. (2) ھاكىم ئاللانىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى بولۇپ، ئاللا يالغۇز شۇنىڭغا ئىلاھىي خۇسۇسىيەت ئاتا قىلغان. ھاكىم ئالەم ئەقلىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ناماياندىسى بولۇپ، ھەممە ناملاردىكى ياخشىلىق - يامانلىقلاردىن يىراق. ئۇ ئۆلمىدى، <غايىب ئىمام> دور. قىيامەت بولغاندا <دەۋرنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى> سۈپىتىدە قايتىدىن پەيدا بولۇپ، يەجۇجى ۋە مەجۇجىلارنى جازالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. (3) ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى ئاللا ئالەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق دەرىجە تەرتىپى بويىچە ئېقىتىپ چىقارغان، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپتىكى يۇقىرى قاتلام ئەزالارنىڭ دەرىجىسى، ئالەمنىڭ بەش دەرىجىسى (ھۇدۇدى) بولىدۇ؛ ھەر بىر دەرىجىدە بىر دىنىي داھىي بولىدۇ. بەش دەرىجىنىڭ ئاستىدا دائى (دىنىي دەۋاتكار)، مەزۇن (ۋەز ئېيتقۇچى)، مۇرشىد (يول باشلىغۇچى) دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. (4) روھنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدىكى تەلىماتقا ئىشىنىدۇ. درۇزىيە مەزھىپىدىكى بىر مۇخلىسنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن بۇ مەزھەپتىكى بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى دەل كېلىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ روھى ئانا قورسىقىدىكى بوۋاققا يۆتكىلىدۇ. مۇكەممەل نۇقسانسىز ئادەم ۋاپات بولسا، روھى يۇلتۇز بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەسكى ئادەمنىڭ روھى چوشقا، ئىت قاتارلىق ھايۋانلارغا يۆتكىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. (5) ھەمزە ئىبنى ئەلى ئوتتۇرىغا قويغان يەتتە ۋەسىيەتكە ئەمەل قىلىدۇ. يەنى ئىمان ئېيتقاندا ھەقىقەتكە سادىق بولۇشقا، مۇشرىكلىكنى رەت قىلىشقا، مەزھەپنىڭ سىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىققا، چاكىنا ئادەملەردىن داجىپ يامانلىقتىن نېرى بولۇشقا، ئىلاھنىڭ پرىنسىپلىرى كىشىلەرنىڭ تەبىئىيىتىدە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئەمەل قىلىدۇ، ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىمنىڭ ئىدىيىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىمنىڭ ۋەكىلى ئارقىلىق يەتكۈزگەن مەقسىتىگە قەتئىي بويسۇنىدۇ.
درۇزىيە مەزھىپى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بەش پەرزنى ئادا قىلمايدۇ. ناماز ئوقۇش، ھەج قىلىش، زاكات بېرىش، جىھاد قىلىشتەك مەجبۇرىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشنى، مەسچىت سالماسلىقنى، دىنىي قائىدىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ مەزھەپ مۇخلىسلارنى <ئۇققال> (سىر بىلگۈچىلەر) ۋە <جۇھەيرە> (بىلىمسىزلار) دىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىگە بۆلىدۇ. <ئۇققاللار> دېگىنى، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر بولۇپ، قائىدىلىرىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئابرۇيلۇق باشلىق بولۇپ، <شەيخ> دېيىلىدۇ، ئۇ ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، <جۇھەيرە> لەرگە مەنىۋى ئۇستازلىق قىلىدۇ. دىنىي ئىشىلار ۋە مۇخلىسلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. <ئۇققاللار> ھەر پەيشەنبە كۈنى كېچىسى دىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، <ھېكىمەتنامە> نى ۋە بەلگىلەنگەن دۇئالارنى ئوقۇيدۇ. ئەبۇ ئەلى مەنسۇر ھاكىمنىڭ سىرلىق ئەقىدىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. مەخپىي كىتابلارنى ئوقۇيدۇ. <جۇھەيرە> لەر بۇ مەزھەپ بەلگىلەنگەن ئادەتتىكى مۇراسىملارغا قاتنىشىدۇ. قۇربان ھېيتنى ۋە ئاشۇرا بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. مۇخلىسلار ئۆز مەزھىپىدىكى ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىگاھلىىرنى يوقلايدۇ. درۇزىيە مەزھپىنى ئۇزۇندىن بۇيان سۈننىي مەزھىپى ۋە باشقا مەزھەپلەر <بىدئەتلەر> دەپ قاراپ كەلدى. بۇ مەزھەپنىڭ مۇخلىسلىرى ھەمىشە <نەقىيە> پرىنسىپىنى يولغا قويۇپ ئۆزىنى قوغدايدۇ. درۇزىيە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىلىرىگە ھېلىمۇ سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن ۋە ئىئوردانىيىدىكى درۇزىلار ئەمەل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ نوپۇسى بىر مىليۇندىن ئاشىدۇ.