Uyghur主要词典
داشقال
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
رودىدىن مېتال ئېرىتىپ ئېلىنغاندىن كېيىن قالغان قاتتىق ماددا.
ئوچاق ۋە پار قازانلىرىدا كۆيدۈرۈلگەن كۆمۈرنىڭ قالدۇقى، قالغان قىسمى.
كۆمۈر داشقىلى.
تونۇر ياكى ئوچاقتىن چىقىرىۋېتىلگەن قىزغۇچ قاتتىق شور ياكى سېغىز.
تونۇرنىڭ داشقىلى.
كۆچمە. كونا جەمئىيەتكە ياكى تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىغا مەنسۇپ بولغان، ئەينى زاماننىڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا ماس كەلمەيدىغان ۋە ياكى پارتىيە - گۇرۇھنىڭ قالدۇقى بولغان كىشى.
ئاپامدىن سورىسام دادامنى داشقال دەپ سولاپ قويۇپتۇ.
كۆچمە. قېتىپ قالغان قاراش، بۇرۇندىن قالغان خاتا قاراش.
پىكىر قىلغىن يېڭىچە، داشقال قاراشنى تاشلىۋەت، پىكىر قىلماق كونىچە، كونا ئەسىرگە مىراس ئۇ.
كۆچمە. كېرەكسىز، ئەتىۋارى يوق، قىممىتى يوق نەرسە.
ئۇ مىللەت پۈتۈنلەيلا داشقال بولۇپ، بۇ مىللەت كەم - كۈتىسىز ئالتۇن ئەمەس؛ ئۇ مىللەت پەگاھتىكى پالاس بولۇپ، بۇ مىللەت تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس.