Uyghur主要词典
داش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
( « داشⅡ » <) چوڭ قازان.
داش قازاننىڭ ئېشىنى يېمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
دەريا تاشقىنىدىن، قار _ يامغۇردىن سۇ يىغىلىپ قالغان ئويمان يەر، ئازگال، ئىلەك.
داش قۇرۇغىچە ئادەم قېرىيدۇ ( ماقال ).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چوڭ قازان؛ ئوچاق، خۇمدان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاش پىشۇرۇلىدىغان جاھازلار، ئاشخانا جاھازلىرى.
«قازان» ئوتتۇرىچە، ئومۇمىي نام.
«داش» چوڭ قازان، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، زارا خەتمىلەردە ئاش پىشۇرۇلىدۇ.
«داڭقان» ئۈچ پۇتلۇق كىچىك قازان.
«قۇمغان» كىچىك قازان، كۆپرەك دورا قايىنىتىلدۇ.
قازان ئاسماق. قازىنىنى ئاسماق. قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيماق. قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ. ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ، داش قازاننىڭ ئىشىنى يېيىشتىن جىق زىيان تارتتۇق. داڭقان پۇتى گەپ. گۆش داڭقانغا چۇشلۇق، خېنىم سالتاڭغا. قۇمغاننىڭ ئېشى تاتلىق، دورىسى ئاچچىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغلار، چۆللەردە ۋە دەريا بويىدا سۇ توختاپ قالغان كۆلچەك.
«چايدام» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئۇسسۇزلۇقتا قاق سۈيى جانغا ئارام بېرىدۇ. تارىم بويىدا داشلارغا تېرىپ قويۇلغان قوغۇن بەكمۇ تاتلىق بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چوڭ قازان.
جادۇگەرنىڭ خادىملىرى بىر چوڭ داشتا ياغنى قىزىتىپ داغلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاغ - ئېدىرلاردا سۇ يىغىلىپ قېلىپ، ئۇزۇنغىچە سۈيى قۇرۇمايدىغان چوڭقۇر ئازگال.