Uyghur主要词典
داغⅠ
داغⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ يۈزىدە باشقا رەڭدە ئايرىلىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە جاي:[مىسال:] قۇياش دېغى.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ باشقا ماددىلار تېگىپ بۇلغانغان جايى:[مىسال:] ياش دېغى. قولىمىز ئاھۇزار ئىچىدىكى خەلقنىڭ قېنىغا مىلەنگەن، بىزنىڭ يەۋاتقان، كىيىۋاتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇ قاننىڭ داغلىرى بار.[يەشمىسى:] ③ يارا ئىزى، جاراھەت ئىزى:[مىسال:] ئايشەمنىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ساقايدى. پەقەت پېشانىسىنىڭ سول تەرىپىدە بىلىنەر-بىلىنمەس داغ پەيدا بولدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەيىب، نۇقسان، گۇناھ:[مىسال:] ئۆزىدە قىلچە داغ يوق دەپ قارايدىغانلار، ئەمەلىيەتتە، ئەڭ پاسكىنا ئادەملەر بولۇشى مۇمكىن.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆتمۈشكە مەنسۇپ ئىللەتلەرنىڭ رېئاللىقتىكى قالدۇقى:[مىسال:] كونا جەمئىيەتنىڭ داغلىرى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىنى نومۇس-بەتنامغا قويىدىغان، نامىنى بۇلغايدىغان ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆز:[مىسال:] نومۇس دېغى. * ياخشىدىن باغ قالىدۇ، ياماندىن داغ قالىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېغىر مۇسىبەت، قايغۇ-كۈلپەت، جۇدالىق-ھىجران، ئىشق-مۇھەببەتتىن كۆڭۈلدە قالغان دەرد-ئەلەم؛ ھەسرەت:[مىسال:] سىزنىڭ چەكسىز بەختكە تەلپۈنگەن قەلبىڭىزدە ئارمان ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۆچمەس دېغىلا قالىدۇ.