Uyghur主要词典
داس
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كىر يۇيۇش ۋە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان، قەلەيدىن، سۇلياۋدىن ياسىلدىغان چوڭقۇرچاق ئۆي سايىنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئاشلانغان تېرىنىڭ تۈكىنى قېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان، تۆمۈردىن ياسىلدىغان كۆنچىلىك سايمىنى .
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئورغاق دېھقانچىلىق سايمىنى:
قىلمامىش كۆڭلۈمدە قىرقىلماق مەئاشى سەبردىن،
ھەجرىدە بولغان نىگۇن قەددىم ئاڭادۇر ھۇكمى داس.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوغاق (<داسە> مۇ دېيىلىدۇ، تىببىي ئىلىمدە يامپاش ئىككى سۆڭەكمۇ <داس> دېيىلىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇيۇقلۇق ۋە يېمەكلىك ئۇسىدىغان تۈۋى ئويمان ئىدىش.
داس باشقا بولغىنى بىلەن مونچا بىر. جاۋۇردا ئوتياش يۇدۇم.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
جاۋۇر.
دۇنيا تارىخى
(1869 - 1959) باگاۋان داس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ھىندىستانلىق پەيلاسوپ، ئالىم. ۋېدانتا مەزھىپى پەلسەپىسىنى ئىسلاھ قىلغۇچى. سانكارانىڭ <دۇنيا - خيال دېگەن تەلىماتىغا قارشى تۇرغان ھەمدە ئىدېئالىزم مەيدانىدا تۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى زامان يوگا مەزھىپىنىڭ پسىخولوگىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى پسىخولوگىيە سىستېمىسىنى ياراتماقچى بولغان. ئۇنىڭ >مېنىڭ ئىلىم - پېنىم<، >ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىلىم - پېنى< قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قەلەيدىن ياسىلىدىغان، كىر يۇيۇش ۋە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئائىلە سايمىنى.
- بالىغا بىر قۇر كىيىم سېتىۋالدىم، ئىسسىق سۇ، داس، سوپۇن، لۆڭگە تەييارلاڭ، يۇيۇنۇپ،تازىلىنىپ بۇ كىيىملەرنى كىيىۋالسۇن، - دېدىم سىڭلىمغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تۆمۈردىن ياسىلىدىغان، ئاشلانغان تېرىنىڭ تۈكىنى قىرىش، ۋاسا ئاقلاش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇتقۇچى بار تىغلىق سايمان.