Uyghur主要词典
دارىل سۈلھى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <سۈلھى رايونى> دېگەنلىك بولۇپ، كېلىشىم ياكى شەرتنامە بويىچە ئىسلام دۆلىتىنىڭ خەزىنىسىگە باج - سېلىق تاپشۇرۇش ئارقىلىق مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان غەيرىي مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. <دارىل ئەھد> مۇ دېيىلىدۇ. بۇ <ئىسلام رايونى>، <ئۇرۇش رايونى> نىڭ سىرتىدىكى ئۈچىنچى خىل رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى نەجران خرىستىئانلار ئۇيۇشمىسى ۋە تۆت خەلىپە دەۋرىدىكى نۆبىيە پادىشاھلىقى ئۇنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارالدى. كېيىن بەزى فەقىھلەر <كېلىشىم> ۋە <شەرتنامە> ئۇرۇش توختىتىش ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بولالايدۇ، ئالاقىدار رايونلار يەنىلا <ئۇرۇش رايونى> ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. كېيىنكى فىقھە ئەسەرلىرىدە دارىل سۈلھى رايونى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرلدى: <مەجبۇرىي تەسلىم بولغانلار> دىن ئېلىۋېلىنغان يەر بايلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق جامائەت مۈلكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەرلەرنى بۇرۇن تېرىۋاتقانلار تېرىيدۇ ياكى ئەمەلىيەتتە يەرلەر شۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ. ئۇلار يەر بېجى، جىزيە (جان بېجى) تاپشۇرىدۇ؛ <سۈلھى تۈزۈپ تەسلىم بولغانلار> نىڭ يېرى بۇرۇنقى ئىگىسىگە تەۋە بولىدۇ. ئۇلار يەرنى سېتىشقا ياكى رەنىگە قويۇشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن، يەر بېجى تاپشۇرۇشى شەرت. بۇنداق يەر بېجى جىزيە بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.