دارىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەسسىمەك، ئاياغ باسماق:[مىسال:] خېلى زامانلار ئۇ بۇ تەرەپلەرگە دارىپ باقمىدى.[يەشمىسى:] ② يولۇقماق:[مىسال:] بۈۋىم ھەركۈنى ئەسكى لاتىلارنى ئېرىغدايتتى ۋە «ئەزرائىل دارىغىدى بۇ قاخباشقا»دەپ ئىچىدە غۇدۇڭشىيتتى.[يەشمىسى:] ③ كەلمەك، كىرمەك:[مىسال:] نېمە بولدۇڭ، بىزنىڭ ئۆيلەرگە دارىپمۇ قويمايسەنغۇ[يەشمىسى:] ④ بارماق:[مىسال:] مەن ئۇ سورۇنغا دارىمىدىم.[يەشمىسى:] ⑤ تەگمەك، تەسىر قىلماق:[مىسال:] شامال بالىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن دارىغان، دەيتتى داخان، مال سىلىنىڭ ئۆينىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى يەتتىنچى ئۆيدىن ئېلىپ كېلىنسە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ يۇقماق، سىڭمەك:[مىسال:] نانغا كىرسىن دارىپ قاپتۇ.