Uyghur主要词典
دارىل ئىسلام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئىسلام رايونى> يەنى مۇسۇلمان پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىدا شەرىئەت يولغا قويۇلغان <تىنچلىق رايونى> دېگەنلىك بولۇپ، <دارىل ھەرپ> گە قارىمۇ قارشى. مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەھلى زىممەلەر ئۇنىڭ پۇقراسى ھېسابلاندى. ئەھلى زىممە دېگەندە چىڭ مەنىدىكى ئەھلى كىتابلار كۆزدە تۇتۇلدى، بۇتقا چوقۇنغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارغا باج - سېلىق تاپشۇردى ۋە بەزى چەكلىمىلەرنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ۋە مال - مۈلكىنى مۇسۇلمان دۆلىتى قوغدىدى. ئۆزىنىڭ دىنىي پىرقىسى ئىچىدە مەلۇم دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن قىلىندى. نەزەرىيە جەھەتتە شەرىئەت دۇنيانى <ئىسلام رايونى> ۋە <ئۇرۇش رايونى> غا ئايرىيدۇ؛ <ئۇرۇش رايونى> نى <ئىسلام رايونى> غا ئۆزگەرتىشنى خەلىپىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جىھادنىڭ نىشانى قىلىدۇ. ئەمەلىيەت داۋامىدا سۈلىھ ياكى كېلىشىم ئارقىلىق تىنچلىقنى ساقلىغان غەيرىي مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويىدۇ.