Uyghur主要词典
چاپماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا قول ياكى قورال بىلەن ئىشلەپ، بىر قىسمىنى ئېلىۋەتمەك، ياكى كۆمۈپ قويغان نەرسىنى ئالماق.
«چاچماق» كۆپرەك ئېرىق - ئۆستەڭ قېزىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
«ئويماق» ئاستىدىن قومۇرۇۋالماققا قارىتىلىدۇ.
سۇنىڭ قەدىرىنى قۇدۇق قازغان بىلەر. بىلىملىك ئويلاپ تاپار، بىلىمسىز كولاپ. كولىغانسېرى چوڭىيىدۇ، كۆمگەنسېرى كىچىكلەيدۇ. ئۆستەڭ چاپساڭ، تىرەن چاپ. كۆرەلمەسنىڭ كۆزىنى ئوي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناھايىتى تېز يۈرمەك.
ساغلام بولاي دېسەڭ يۈگۈر، گۈزەل بولاي دېسەڭ يۈگۈر، ئەقىللىق بولاي دېسەڭ يۈگۈر. مېڭىشقا ئېرىنسەڭ، كېيىن يۈگۈرىسەن. بالاڭنى ئىشقا بويرۇپ كەينىدىن ئۆزۈڭ چاپ. بالا چېپىشنى يىقىلىشتىن ئۆگىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئايغىر ياكى ھاڭگا ئېشەك بايتال ياكى مادا ئېشەك بىلەن جۈپلەشمەك؛ ئارتىلماق، ئېسىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر يۆنىلىشتە تېز ھەرىكەت قىلماق؛ يۈگۈرمەك.
بالىنى ئىشقا بۇيرۇپ، كەينىدىن ئۆزۈڭ چاپ (ماقال).
(ئات) سالماق، قويماق؛ يۈگۈرتمەك.
دەل شۇ چاغدا، سايلىقنى يېرىپ بىر ئات چېپىپ كېلىۋاتاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن پارچىلىماق، يارماق، كەسمەك.
پالتا بىلەن چاپماق. يانتاق چاپماق.
ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ (ماقال).
قازماق؛ كولىماق.
ئۆستەڭ چاپماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ بىرەر جايىغا شىلىمسىمان سۇيۇقلۇق ياكى مەلھەملىك نەرسىنى سۈرمەك، يېپىشتۇرماق.
باشقا يېلىم چاپماق. بەدەنگە دورا چاپماق