چاپماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر يۆنىلىشتە تېز ھەرىكەت قىلماق؛ يۈگۈرمەك:[مىسال:] بالىنى ئىشقا بۇيرۇپ، كەينىدىن ئۆزۈڭ چاپ (ماقال).[يەشمىسى:] ② (ئات) سالماق، قويماق؛ يۈگۈرتمەك:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا، سايلىقنى يېرىپ بىر ئات چېپىپ كېلىۋاتاتتى.