Uyghur主要词典
چاپلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر نەرسىنى بىر نەرسىگە يېلىم بىلەن تۇتاشتۇرماق.
تامغا تەشۋىقات ۋارىقى چاپلانغان چاغلارنى ئۇنتۇسا بولمايدۇ. ئاغزىمدىن چىقتى، ياقامغا يېپىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يەملىمەك، يېپىشتۇرماق.
ماركا چاپلىماق. لاي چاپلىماق.
بىر - بىرىگە تەگدۈرمەك، ياقماق.
يۈزىنى - يۈزىگە چاپلىماق.
مۇناسىۋىتى، چاتىقى بار دېگەن قاراشنى پەيدا قىلماق.
- ئېيتىڭا، ئەزىرىخان! - دېدى ئۇ توغرىدىن - توغرىلا، - ئەكبەرنى پاتىمىگە چاپلىماق بولغانلار قايسى مۇراد - مەقسىتىگە يەتمەكچىكەن؟
يۈكلىمەك، ئارتماق.
بوھتان چاپلىماق. تۆھمەت چاپلىماق.
قوشماق، ئۆستۈرمەك، ئۆرلەتمەك.
باھا چاپلىماق.