Uyghur主要词典
چاپۇلتېپېك ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
يەنى <چاپۇلتېپېك كېلىشىمى>، 1945-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېىركىسىدىكى دۆلەتلەر مېكسىكا شەھىرى ئەتراپىدىكى چاپۇلتېپىك سارىيىدا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىن چاقىرغان ھەمدە مەزكۇر ئەھدىنامىنى ماقۇللىغان. بۇنىڭدا: ھەرقانداق بىر ئامېرىكا قىتئەسى دۆلىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق (بۇ تاجاۋۇزچىلىق مەيلى ئامېرىكا قىتئەىدىكى دۆلەت ياكى ئامېرىكا قىتئەسىدىن بولمىغان دۆلەت تەرىپىدىن بولسۇن) ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بارلىق دۆلەتلەرگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەت بولىدۇ؛ ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىرلىشىپ قورال كۈچى ئارقىلىق تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇشى ياكى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، دېيىلگەن. مەزكۇر ئەھدىنامە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرغان.