Chinese→Uyghur主要词典
查理六世
دۇنيا تارىخى
چارلېسⅥ
(1368 - 1422) فرانسىيە ۋارويا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1380 - 1422). نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. تەختتىكى مەزەىللىرى پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلاپ كەتكەن. چوڭ فېئوداللار شايكا توپلاپ گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان (<ئامانياك گۇرۇھى>غا قارالسۇن)، خەلق ئاممىسى ئارقىمۇ ئارقىدىن بازغانچىلار قوزغىلىڭى ۋە كابوشې قوزغىلىڭىنى كۆتۈرگەن. 1415-يىلى ئەنگلىيە يېڭىۋاشتىن يۈز يىللىق ئۇرۇشنى (1337 - 1453) قوزغىغان ھەمدە ئازىنكورت جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن پارىژ شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1420 - يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ئىككى تەرەپ <ترويېس (كېيىنكى كۈنلەردىكى چارلېس ⅤⅡ) نىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن فرانسىيىنىڭ تەختىگە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅴ قوشۇمچە ئىگە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. (2) (1685 - 1740). ئاۋسترىيە كورۇلى، گېرمانىيە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1711 - 1740). تەختتىكى مەزگىللىرى داۋاملىق تۈردە ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسپانىيىگە قاراشلىق نېدېرلاند (بېلگىيە)، لومباردىيە (مىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نېئاپول ۋە ساردىنىيە ئارىلىق قاتارلىق جايلارنى قولغا كەلتۈرگەن. 1716 - 1718 - يىللىرى ۋە 1737 - 1739 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. 1733 - 1735 - يىللىرى پولشانىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئاۋسترىيە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ئوغلى بولمىغانلىقتىن 1713 - يىلى >دۆلەت يارلىقى< چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى چوڭ قىزى مارىيە تىرېساغا قالدۇرىدىغانلىقىنى بېكىتىپ، ھابېسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان، بۇ فرانسىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، كېيىنكى چاغلاردا ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشنى تالىشىش ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.