Chinese→Uyghur主要词典
查理大帝
دۇنيا تارىخى
ئىمپېراتور كارولۇس
(تەخمىنەن 742 - 814) فرانك پادىشاھلىقى كارولىن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (768 - 800)، كارولىن ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (800 - 814)، پېپىن (پەتەك) نىڭ ئوغلى. مىلادى 768 - يىلى، دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن كارولۇس ئۇكىسى كارلومان (751 - 771) بىلەن بىللە ھاكىمىيەت سورىغان. ئۇكىسى ئۆلگەندىن كېيىن، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىردىنبىر كورۇلى بولۇپ قالغان. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى فرانك پادىشاھلىقى كېڭىيىپ چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. 773 - 774 - يىللىرى لومباردىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىنى ئىگىلىۋالغان. 788 - 801 - يىللىرى پېرېنېي تاغ تىزمىلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەرەبلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېبرو دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يەرلەرنى تارتىۋالغان. 772 - 804 - يىللىرى ساكسىنلارنى بويسۇندۇرغان. 791 - 799 - يىللىرى ئابارسلارنى يېڭىپ، گېرمانىيىنىڭ غەربىي بىلەن جەنۇبىي قىسمىنى شۇنىڭدەك ئاۋسترىيە قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. تېررىتورىيىسى غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، شەرقتە بولسا ئېلبا دەرياسى ۋە بوھېمىيىگە، شىمالىدا شىمالىي دېڭىز، جەنۇبتا ئېبرو دەرياسى ۋە ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە سوزۇلغان. 800 - يىلىدىكى روژدېستۋو بايرىمى كۈنى پاپا لېئو Ⅲ كارولۇسقا تاج كىيدۈرگەندىن كېيىن ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان. <رىملىقلارنىڭ پادىشاھى> دەپ نام ئالغان، شۇنداق قىلىپ فرانك پادىشاھلىقى بارا - بارا كارولىن ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان. ئىمپېرىيىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا <مارك> (چېگرا رايون) تەسىس قىلىپ، ئىدارە قىلىشقا مارك گراف تەيىنلەنگەن، باشقا رايونلارنى گراف تەيىنلەپ ئىدارە قىلغان. ھەر يىلى ئۇرۇش قىلىپ تۇرغانلىقتىن ئەركىن دېھقانلار كەينى - كەينىدىن ۋەيران بولۇپ، يانچىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فېئوداللىق يەر ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، دىنىي، دەھرىي چوڭ فېئوداللار <پەۋقۇلئاددە ئىمتىياز> دىن بەھرىمەن بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەتنى رىغبەتلەندۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن، ئاتالمىش كارولىن خاندانلىقى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى بارلىققا كەلگەن. لېكى ئىمپېرىيە پەقەت ھەربىي مەمۇرىيەت جەھەتتىنلا بىرلەشقەنلىكتىن، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقە كەمچىل بولغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.