Chinese→Uyghur主要词典
查理七世
دۇنيا تارىخى
چارلېس ⅤⅡ
(1422 - 1461) فرانسىيە ۋارۇيا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1422 ) 1461(. فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ نىڭ ئوغلى. يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە )1337 - 1453(، 1420 - يىلدىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە <ترويېس كېلىشمى> دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان. 1422-يىلى چارلېس Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅵ فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى قوشۇمچە ئىگىلىگەن؛ چارلېس فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان )شىمالىي قىسمى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرغان(. كېيىن چارلېس ئايال مىللىي قەھرىمان جېنناند پاركنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا تايىنىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ قىلغان ۋە قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1429-يىلى 7-ئايدا، رەسمىي تاج كىيىپ، چارلېس ⅤⅡ دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ، دائىملىق باج ئېلىپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن. 1435-يىلدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئاچمايدىغان بولغان. 1453-يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.