Chinese→Uyghur主要词典
查理.马特
دۇنيا تارىخى
چارلېس مارتېل
(تەخمىنەن 688 - 741) فرانك پادىشاھلىقى مېروۋې سۇلالىسىنىڭ ئوردا ۋەزىرى. ئىمپېراتور كارولۇنىسىنىڭ بوۋىسى. مىلادى 714-يىلى دادىسى ئائۇستراسىيانىڭ ئوردا ۋەزىرلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. كېين فرانك پادىشاھلىقىنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پادىشاھلىقنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاسىيلىق قىلغان ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە بۇ يەرلەرنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى شەرت قىلىپ رىتسارلارغا سۇيۇرغال تەرىقىسىدە بۆلۈپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە فېئوداللىق دەرىجە تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 732-يىلى فرانك رىتسارلىرىنى باشلاپ، پوئىتىيىر جېڭىدە ئەرەبلەرنى يېڭىپ، ئۇلارنىڭ غەربىي ياۋروپاغا يەنىمۇ كېڭىيىشنى توسقان. شۇڭا، <مارتېل> (<بازغان> دېگەن مەنىدە) دېگەن نامغا ئىگە بولغان.