Uyghur主要词典
بۇلغارىيە ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتى
领域: دۇنيا تارىخىⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى. لېۋىسكىي بىلەن ليوبىن كاراۋىلوۋ تەرىپىدىن 1870-يىلى بۇخارىستتا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىنقىلابىي دېموكراتچىلار ۋە ئىنقىلابچىلار بىلەن لېبىراللار ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ تۇرغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار ئىنقىلاب ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق بۇلغارىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1875-يىلى 9-ئايدا، زاگورادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە كۆپلىگەن ئەزالار يڭى مەركىزىي كومىتېتقا قاتناشقان. 1876-يىلغا كەلگەندە ئەسلىدىكى تەشكىلات ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。