Uyghur主要词典
بۇلغارىيە كورپۇسى
دۇنيا تارىخى
بۇلغارىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بېلگرادتا قۇرغان قوراللى كۈچى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككىسى قۇرۇلغان، بىرىنچىسى راكوۋىسكى تەرىپىدىن 1861-يىلى بېلگرادتا قۇرۇلغان بولۇپ، ئادەم سانى 500 - 600 گە يەتكەن ئىككىنچىسى مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاقساقاللار جەمئىيىتى بىلەن سېربىيە ھۆكۈمتىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن 1867-يىلى قۇرۇلغان. بېلگرادتا بۇلغارىيە ياشلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدىغان ھەربىي مەكتەپ ئېچىش، قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەربىي قوماندانلارنى تەربىيىلەپ چىقىش بەلگىلەنگەن. قاتناشقۇچىلار بولسا مۇھاجىر ياشلار ئارىسىدىن ئىختىيارىي قوبۇل قىلىنغانلار بولۇپ، تەخمىنەن 200 كىشى بولغان.