Uyghur主要词典
بۇلغارىيىدىكى سېنتەبر قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
(1) بۇلغارىيە خەلقىنىڭ 1923-يىلى سېنتەبردىكى فاشىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. 1923-يىلى تىسانكوۋ (1879 - 1959) نىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، 23-سېنتەبر كۈنى، بۇلغارىيە خەلقى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ پۈتۈن مەمللىكەتنى قاپلىغان ھەمدە ۋىراتسا، رازروگ قاتارلىق جايلاردا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قوزغلاڭ باستۇرۇلۇپ، تەخمىنەن 20 مىڭدەك ئادەم پاجىئەلىك تۈردە ئۆلتۈرۈلگەن. (2) بۇلغارىيە خەلقىنىڭ 1944-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ (يەنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ) رەھبەرلىكىدە، نۇرغۇنلىغان رايونلارنى ئازاد قىلغان. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى پايتەخت سوفىيەگە كىرىپ، فاشىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋەتەن فرونتى ھۆكۈمىتىنى قۇرغان.