Uyghur主要词典
بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقى
领域: دۇنيا تارىخىبۇلغارىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىنىڭ سىياسىي پارتىىسى. 1898-يىلى ئېئوردا پېكارېۋنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان. 1899-يىلى 12-ئايدا پلېۋېندا رەسمىي قۇرۇلغان. 1901-يىلى ئىتتىپاقنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىتتىپاقنى پارتىيىگە ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي زۇلمىغا ۋە ئىقتىسادىي ئېكسىپلاتاتسىيىسىگە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈزۈل - كېسىل بولغان دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى قارار قىلغان. كېيىن، ئىتتىپاقنىڭ داھىيلىرى مۇستەقىل دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت خاتا شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىشچىلار بىلەن بىرلىشەلمەي، بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ 1919-يلىنىڭ ئاخىرىدىن 1920-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。