Uyghur主要词典
بارلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئانتونىمى: يوقلۇق.
بۇ يەردە بارلىقىڭنى بىر كىشىدىن ئاڭلىدىم. * ھازىر بىر مۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىققا كەلدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پەلسەپە ئاتالغۇسى (كونىرىغان ئىسىم).
بارلىق ھەممىنى بەلگىلەيدۇ (ھازىر «مەۋجۇدىيەت» دېيىلىدۇ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىكا ئاتالغۇسى (كونىرىغان ئىسىم). ئانتونىمى: يوقلۇق (ھازىر «بوشلۇق» دېيىلىدۇ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . «بار Ⅰ نىڭ 2 - » سىگە قاراڭ.
بارلىق بولدۇرىدۇ، يوقلۇق توڭدۇرىدۇ (ماقال). بارلىق ئوخشىتار، يوقلۇق قاخشىتار (ماقال).
2 . سۈپەت. تۇرمۇشتىكى بارلىق مەسىلىلەر ئادەم ئۈچۈن سىناق. * ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېنىقلاش ئالماشلىرى، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىيلىقىنى ئېنىقلايدۇ.
بايرام بارچىنىڭ، توي تېگىشلىكىنىڭ. ھەممىنى بىلىمەن دېيىش بىرنىمۇ بىلمەسلىك. ھەممە ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم. ھاياتنىڭ پۈتۈن خۇشاللىقى ئىجادىيەتتۇر. ھەممىلا تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا ئەگرى ياغاچ يا بولىۋەرمەيدۇ. ئاتاقلىق ئۇسسۇل رېژىسسورى ھاجى راخمان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئۇيغۇر خەلق ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان. موللا ھوشۇرنىڭ بارى شۇ. بار - يوقى بىر بالام _ باش - كۆزى تاز بالام. بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۈنگە مۇھتاج. جىمى ئالەم گۇۋاھ بولسۇن، سەندىن ئۆزگە يارىم يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبىئەتتىكى بار نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى.
مەۋجۇدىيەت ئاڭنى بەلگىلەيدۇ. ئاسمان ۋە زېمىندا ھەممە بارلىق ئادەمنىڭ پىكرىدىن تاشقىرى.
شىۋىلەر
باي، بىساتلىق، مال - مۈلۈكلۈك. مەسىلەن: بۇ خېلى بارلىق ئۆي ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بار بولۇش.
كىتاب بارلىقى بار، لېكىن بۇ يەردە يوق.
مەۋجۇتلۇق، ھاسىل.
گەرچە شارائىتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن شارائىتنى كىشىلەر بارلىققا كەلتۈرگەن.
<پەلس> ئوبيېكتىپ دۇنيا، پۈتۈن ئالەم، مەۋجۇدات.
ماتېرىيالىزم ئومۇمەن بارلىق ئاڭغا ئەمەس، ئاڭ بارلىققا باغلىق دەپ قاراشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئى. ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى، ئۆزىگە قاراشلىق ھەممە نەرسىسى.
بارلىقىنى تەقدىم قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەممە، جىمى، پۈتكۈل، ئومۇمىي.
دەرس ئۆتۈش - بارلىق ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىىزي ھالقىسى.