Uyghur主要词典
بارلوۋ
دۇنيا تارىخى
(1754 - 1812. ئامېرىكىلىق مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر. كوننېستكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1778-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1780 - 1783-يىللىرى ئارمىيىدە پوپ بولغان. 1783 - 1787-يىللىرى خارتېفوردقا بېرىپ ئورۇنلاشقان. <ئامېرىكا پوچتىسى> ئايلىق ژۇرنىلىنى چىقارغان. 7881-يىلى فرانسىيىگە بېرىپ سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. 1790 - 1792-يىللىرى ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ، پائىنې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشقان، <ئىمتىيازلىق تەبىقىگە سەمىمىي نەسىھەت> نى ئېلان قىلىپ، فېئوداللار تەبىقىسىنىڭ ئىمتىيازى ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرغاچقا، فرانسىيىگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1795 - 1796-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەرەب ئەللىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. 1805-يىلى ئامېرىكىغا قايتقان. 1811-يىلى ئامېىركىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ، ناپولېئون بىلەن سودا توختامى تۈزۈشكە كېتىۋېتىش سەپىرىدە موسكۋادىن چېكىنگەن قوشۇننىڭ مۇھاسىرىسىگە دۇچ كېلىپ قېلىپ، ئاچلىقتىن توڭلاپ ئۆلگەن. فرانسىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ دېگەندەك دېموركراتىيە بولمىغانلىقىغا قارىتا تەنقىد قىلغان. ئۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىدراك ۋە ئەركىن ئىدىيە ئارقىلىقلا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى <ئەركىن ئىدىيىنىڭ گەۋدىلىنىشى> بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ <فرانسىيە خەلق ئۇيۇشمىسىغا يېزىلغان مەكتۇپ> دېگەن ئەسىرى، <كولۇمبىيە ئەخلاقى> دېگەن شېئىرى بار.