Uyghur主要词典
بارماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قول ۋە پۇتنىڭ پەنجىلىرى.
بەش بارماق، بارمىقىنى چىشلىمەك، بارماق باسماق، بارماق بىلەن سانىغۇدەك، بارماق ۋەزىن، بارماقچىلىق، بارماق تىلى، بارماق پەردىسى. * بىلگەن بىلگىنىنى ئىشلەر، بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر (ماقال). * بالنى تاتلىق دەپ، بارماقنى يۇتماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىمداش.
«بار Ⅲ» كە قاراڭ.
بارماقنىڭ يانمىقى بار (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولنىڭ، پۇتنىڭ ئۇچىدىكى بەش تارماق
بارماق ۋەزنى. بارماقچىلىك. بەش بارماق تەڭ ئەمەس. بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا. بەش بارماقنى ئېغىزغا تەڭ تىققىلى بولمايدۇ. يىرتقۇچنىڭ پەنچىسىنى كەس، ئاۋايلا، باسمىسۇن نەس. ئۇلۇغ ئەرڭەك _ باش بارماق. كىچىك ئەرڭەك _ چىمچىقلاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇت، قول پەنجىلىرىنىڭ ھەربىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۆزلىگۈچى ياكى كۆزەتكۈچى تۇرغان جايدىن، نەزىرىدىن نېرى كەتمەك، يىراقلاشماق، يول ئالماق.
بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ (ماقال).
داۋاملاشماق، داۋام قىلماق.
بۇ يەردە گەپ دۆلەت ھاكىمىيىتى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدىلا بارىدۇ.
رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۈس مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ: 1( ئىش - ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەن ھۇشۇر ئاكامغا ياندىشىپ كېتىپ باراتتىم.
2) ئىش - ھەرىكەتنىڭ پەللىمۇپەللە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
دۆلەت بىكار قىلىنىدۇ ئەمەس، ئۇ ئۆز - ئۆزىدىن ھالاك بولۇپ بارىدۇ.
3( ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ، بۇ كەمگىچە كورلىغا يېتىپ باردى.
يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، شۇ نەرسىنىڭ شۇ سان بىلدۈرگەن چەككە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.
ئۇنىڭ بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلى 12 مىڭ يۈەنگە بارىدۇ