Uyghur主要词典
باركلاي دې توللى
دۇنيا تارىخى
(1761 - 1818) روسىيە مارشالى. ئاتا - بوۋىسى شوتلاندىيىلىك ئاقسۆڭەك بولۇپ، ردىگادا تۇغۇلغان. روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا (1787 - 1179) ۋە روسىيە - شۋېستىيە ئۇرۇشىغا (1788 - 1790، 1808 - 1809) قاتناشقان. 9180 - يىلى فىنلاندىيە باش ۋالىيىسى بولغان. 1810-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1812-يىلى ناپولېئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، غەربىي سەپ بىرىنچى جىتۈەنجۈننىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە پۈتۈن ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان. بورودىنو جېڭىدە ئوڭ يۆنىلىش ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىش ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. 8131-يىلى كۇتۇزۇفقا ۋارىسلىق قىلىپ، روسىيە - پروسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، فرانسىيە ئارمىيسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1814-يىلى پارىژنى ئىشغال قىلىشقا قاتنىشىپ، مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن، ئىككىنچى يىلى كىنەز دېگەن نامغا ئېرىشكەن.