Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەيتۇن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ تۇنىستىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى تۇنىستىكى قەدىمىي شەھەر رايونىدا، 703 - يىلى ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ تۇنىس شەھىرىنى سالدۇرغاندا بۇ مەسچىتنى سېلىش باشلانغان. 732 - يىلىدىن 734 - يىلىغىچە قايتا سېلىنغان. بۇ رايوندا زەيتۇن كۆپ بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەغلەب سۇلالىسى 840 - يىلى قايتا سالدۇرغان. مەسچىتنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى نامايان قىلىنغان. كارىدورلارغا رەڭلىك رەسىملەر سىزىلغان، چاسا شەكىللىك پەشتاق قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ چۆرىسىگە خۇشپۇراق ماتېرىياللار دۇكانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەسچىتنى خۇشبۇي قاپلاپ تۇرىدۇ. زەيتۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇ يەردە بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر نەچچە كىتابخانا تەسىس قىلىنغان. مەركىزىي كىتابخانىدا نەچچە يۈز مىڭ پارچە كىتاب ساقلانغان، قولدا كۆچۈرۈلگەن ئەتىۋارلىق كىتابلار نەچچە مىڭغا يېتىدۇ. كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ مەكتەپ مەسچىت تەۋەلىكىدىكى مەدرىسىدىن ھازىرقى زامان مائارىپ تۈزۈلمىسىگە تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن ئادەم يېتىشتۈرۈپ چىقتى، داڭقى كۈنسايىن ئاشتى.