Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەيⅡ
زەيⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆچكە تېرىسىدىن ئىشلەنگەن شوينا، تاسما:[مىسال:] تاش ئۈستىدە پادىچى، قولىدا زەي قامچىسى.[يەشمىسى:] ② ئوقيا ياكى پاختا ئېتىش دۇكىنىنىڭ كىرىچى:[مىسال:] زەينى چىڭ تارتماق. زەي سالماق.[يەشمىسى:] ③ قوينىڭ ئاچچىق ئۈچىيىدىن ياسالغان تار:[مىسال:] سول ياقتا ھەر خىل زەي ۋە سىم تارلىق چالغۇلۇق سازچىلار بىر-بىرىگە تەڭكەش قىلىپ ساز چالاتتى.