Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەيدىلەر قوزغىلىڭى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئۇمەييە سۇلالىسىغا قارشى چىققان بىر قېتىملىق قوراللىق قوزغىلاڭ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تۆتىنچى ئىمام زەينۇل ئابىددىن (659 - 714) نىڭ كىچىك خوتۇنىدىن تۇغۇلغان بالىسى زەيدى رەھبەرلىك قىلىپ، كۇفەدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭچىلار زەيدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغاچقا، بۇ قوزغىلاڭ شۇنداق دەپ ئاتالدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كۇفەدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ بىر قىسىم مۇخلىسلىرى زەيدىنى قوللاپ ئىمام قىلغان ھەمدە بۇ شەھەردە بىر يىل يوشۇرۇپ، بەسرەدىكى قوللىغۇچىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، قوزغىلاڭغا تەييارلانغان. قوزغىلاڭ پارتىلغاندىن كېيىن، مەسچىتكە توپلانغان بىر نەچچە مىڭ قوللىغۇچى جىم تۇرۇۋالغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقان نەچچە يۈز ئادەم ياردەمسىز قالغان. ئۇلار نەچچە كۈن جەڭ قىلغاندىن كېيىن، كۇفەنىڭ ۋالىسى يۇسۇف بىننى ئۆمەر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. زەيدى شېھىت بولۇپ، جەسىدى دالىدا قالغان. كاللىسى كېسىۋېلىنىپ، دەمەشىق، مەككە، مەدىنە قاتارلىق جايلاردا سازايى قىلىنغان.