Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەيدىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى مۇھىم تارماق مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەش ئىمامچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپ Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۈچىنچى ئىمام ھۈسەيىننىڭ نەۋرىسى زەيد بىننى ئەلى (699 - 740) نىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن قۇرۇلغان. ئەينى يىللاردا مۇئتەزىلىلەرنىڭ داھىيىسى زەيد تۆتىنچى ئىمام ئەلى زەينۇل ئابىدىننىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا مۇئتەزىلىلەر داھىيىسى ۋاسىل بىننى ئاتانى ئۇستاز تۇتۇپ، بۇ مەزھەپنىڭ <ئىرادە ئەركىنلىكى> ۋە <>قۇرئان كەرىم< يارىتىلغان> دېگەندەك سۆزلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ شىئە مەزھىپىدە ئىمامنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەلى بىلەن فاتىمەنىڭ قايسىبىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئىمامغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ؛ <قۇرئان كەرىم> گە ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، رەزىل ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش كېرەك، دېدى. ئۇنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى كۇفەدە شىئە مەزھىپىدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ۋە قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، زەيدنىڭ كۇفەدە ئىمام بولۇشىنى ھىمايە قىلدى. 740 - يىلى زەيد كۇفەدە ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ھىشامغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، جەڭدە قازا قىلدى. ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى <شېھىت> دەپ ھۆرمەتلەپ، زەيدنى بەشىنچى ئىمام دەپ بىلدى ھەمدە ئىماملىقنىڭ زەيد بىلەن توختايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بەش ئىمامچىلار دەپ ئاتالدى. قوزغىڭلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، زەيدنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى جايلارغا قېچىپ بېرىپ داۋاملىق كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىماملىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىياسىي كۈرەش قىلدى. زەيدنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ھەسەننىڭ ئەۋلادلىرى 437 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىراندىكى خۇراسان، دايلامدا، ئىراق، ھىجاز، يەمەن قاتارلىق جايلاردا شىئە مەزھىپىنىڭ ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە بۇ قوزغىلاڭلارغا قاتنىشىپ، ھەممىسىدە باستۇرۇلدى. لېكىن، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدە بىرلىككە كەلگەن تەشكىل ۋە ئەقىدە تەشەببۇسى شەكىللەنمىگەندى. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن زەيدنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە بۇ مەزھەپتىكى ئۆلىمالار سىياسىي كۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، مۇھىم نۇقتىنى دىنىي تەرغىبات پائالىيەتلىرىگە ۋە دىنىي ئەقىدە تەتقىقاتىغا قاراتتى. زەيدنىڭ شاگىرتى بىننى ئىيسا ۋە بۇ مەزھەپنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى قاسىم راسى بىننى ئىبراھىم (؟ - 860) لار بۇ مەزھەپكە ئەقىدە نەزەرىيە ئاساسى سېلىپ بەردى. ئۇلار دائى (ۋائىز) لارنى يېتىشتۈرۈپ، جايلارغا تەبلىغات قىلىشقا ئەۋەتتى ھەمدە ئەسەر يېزىپ، بۇ مەزھەپنىڭ دىنىي ئەقىدە، فىقھە ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى شەرھلىدى. خاتىرىلىنىشىچە، زەيد يازغان <كىتاب ئەل كافى> نى قاسىم رەتلەپ كىتاب قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە زەيدنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقاتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ مەزھەپ بولۇپ شەكىللەنگەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ مەزھەپنىڭ كۈچى زورىيىپ، قوزغىلاڭ ئارقىلىق زەيدىيەلەرنىڭ دىنىي ھاكىمىيەتلىك دۆلىتىنى قۇردى. ھەسەن بىننى زەيد 864 - يىلى ئىراننىڭ شىمالىدىكى تەبەرىستان، دېلىم ۋە كىرا رايونلىرىدا زەيدىيە دۆلىتى قۇرۇپ (864 - 1126)، 300 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 20 ئىمام ۋە دائى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇردى. قاسىمنىڭ نەۋرىسى يەھيا بىننى ھۈسەين (؟ - 911) بۇ مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلارنى باشلاپ مەدىنىدىن شىمالىي يەمەننىڭ تاغلىق رايونلىرىغىچە دىنىي ئەقىدە تارقىتىپ، ئادىمىنى كۆپەيتىپ، قوراللىق كۈچ ئۇيۇشتۇردى. يەھيا بىننى ھۈسەيىن شىمالىي يەمەندە زەيدىيەلەرنىڭ ئىمام دۆلىىتنى قۇردى. كېيىن ئىچكى جەھەتتە ھوقۇق تالىشىش ۋە سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىشلار بولۇپ، سۇلالىلەر ئالماشقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى كۆپ ۋاقىتتا يەھيا جەمەتى ئىماملىقنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن زەيدىيەلەرنىڭ يەمەندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنى تىكلەندى. زەيدىيەلەر ئاساسلىقى شىمالىي يەمەنگە زەيدىيەگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلار نوپۇسنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلەيدۇ. ئىراندىكى زەيدىيەلەر ئىران ۋە مازاندالان قاتارلىق جايلارغا توپلانغان بولۇپ، نۇكتاۋىيەلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
زەيدىيەلەر دىنىي ئەقىدە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىنىڭ قارىشىغا يېقىنلىشىپ شىئە مەزھىپىدىكى مۆتىدىللەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپ دىنىي ئەقىدە جەھەتتە ئۇئتەزىلىلەرنىڭ <ئىرادە ئەركىنلىكى تەلىماتى> نى ۋە ئەقلىيەچىلىك پرىنسىپىنى قوبۇل قىلدى. فىقھە جەھەتتە ھەنەفىيەلەرنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئەھكاملىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىپ، شىئە مەزھىپىنىڭ ئىمام ئەقىدىسىگە، ئون ئىككى ئىمامچىلار ۋە ئىسمائىلىيەلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدە تەشەببۇسلىرى مۇنداق: (1) خەلىپە مەسىلىسى توغرىسىدا. بۇ مەزھەپ ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمۈر ۋە ھەزرىتى ئوسمانلارنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە ئوخشاش، مۇسۇلمانلارنىڭ سايلىشى بىلەن بارلىققا كەلگنەلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئەتكە لايىق ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى؛ ھەزرىتى ئەلىنىڭ بىلىمى مول، ئەخلاقى ئېسىل، تۆھپىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى، ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ئەڭ ئوبدان چىققان خەلىپە ئىكەنلىكىنى، باشقا خەلىپىلەر، بولۇپمۇ ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئەخلاق جەھەتتە ھەزرىتى ئەلىدىن سەل پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. (2) ئىمام ئەقىدىسى توغرىسىدا. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، ئىمام ئاللاغا ئەڭ ئىخلاس قىلىدىغان، <قۇرئان كەرىم> گە، فىقھەگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان، ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىپ ۋە قوغداپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئاللارنىڭ يولىغا ئەمەل قىلىشقا يېتەكلەيدىغان <توغرا ئۇستاز> ۋە <مەنىۋى داھى> بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋەلىلىككە يەتكەن ئىلاھىي خىسلەت بولمايدۇ. ئىمام غايىب بولغان دېيىشنى ئىنكار قىلىپ، مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئىمام ئورنىدا تۇرۇپ دىنىي پائالىيەتلەرگە ۋە قوراللىق كۈرەشلەرگە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. غايىب بولغۇچى ياكى كىچىك بالا ئىماملىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ئىمامنىڭ شەرتلىرىنىڭ مۇنداق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ: ھەزرىتى ئەلى ۋە بۈۋى فاتىمەنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىدىن قايسى جەمەتكە مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇنەۋۋەرلىرى ئىماملىققا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ؛ ئىمام ئېتىقادتا تەقۋادار، پەزىلەتتە ئالىيجاناب بولۇشى كېرەك؛ مول دىنىي بىلىمىگە ۋە مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، باتۇر، جەڭگە ماھىر بولۇشى، ھەربىي ئىشلاردا ھۇجۇم قىلالايدىغان ۋە مۇداپىئە كۆرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئىمامنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئىمام مەۋجۇت بولماي قالىدىغان مۇمكىنلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى، نەچچە ئىمامنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىغىمۇ يول قويۇشنى، ھەر بىر ئىمام ئۆزىنىڭ زېمىندا مۇستەقىل، ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولغان ھالدا ھوقۇقىنى ئىجرا قىلىشنى ئېتىراپ قىلىدۇ. (3) ئېتىقاد مەسىلىسى توغرىسىدا. بۇ مەزھەپ خاۋارىجلارنىڭ دىنىي قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئېتىقاد مۇناسىپ دىنىي ئەمەلىيەت بىلەن بىرلىشىپ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن دىنىي پەرزلەرنى، ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلىش كېرەك؛ ھەر قانداق ئادەم كەچۈرگىسىز گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، مۇسۇلمانلار ئۇممەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپ سوپى مىستىتسىزمچىلىقىغا، مازار - ماشايىخلارنى تاۋاپ قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. <تەقىيە> نى، يەنى مۇسۇلمانلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە تەشەببۇسىنى يوشۇرۇشنى قوللىمايدۇ. (4) فىقھە مەسىلىسى توغرىسىدا. بۇ مەزھەپ <قۇرئان كەرىم> نى ۋە راسىت ھەدىسلەرنى ئەھكام چىقىرىش پرىنسىپى قىلىش شەرتى ئاستىدا، قىياس ئۇسۇلى بىلەن فىقھەدە پەتىۋا چىقىرىشنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ئىمام ئىجتىھاد ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، مۇئەييەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۆلىمالارنىڭمۇ ئىجتىھاد قىلىشىغا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئارىلاش نىكاھلىنىشنى مەنئى قىلىدۇ. نىكاھنى مۇتئە (ۋاقىتلىق نىكاھ) غا يول قويمايدۇ. فىقھەنىڭ تەپسىلىي پرىنسىپلىرىدا سۈننىي مەزھىپىدىكى ھەنبەلىيەلەرگە يېقىنلىشىدۇ، لېكىن، جايلاردىكى ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئىختىلاپ مەۋجۇت.