Uyghurئاساسىي لۇغەت
زىددىيەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارشىلىق، قارىمۇ قارشىلىق، كېلىشەلمەسلىك، زىددىيەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئومۇمەن قارىمۇقارشى شەيئىلەرنىڭ بىر - بىرىنى چەتكە قېقىش مۇناسىۋىتى، بىر - بىرىگە زىتلىق، خىلاپلىق.
- پوزىتسىيەمدە زىددىيەت بارلىقىغا ئىقرارمەن، - دېدى ئۇ سەل ئىككىلىنىپ.
قارىمۇقارشىلىق، دۈشمەنلىك، ئاداۋەت.
سىنىپىي زىددىيەت. زىددىيەت سالماق.
<پەلس> ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئىنسان تەپەككۇرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قارىمۇقارشى تەرەپلەرنىڭ بىر - بىرىگە بېقىنىش ۋە بىر - بىرىنى چەتكە قېقىش مۇناسىۋىتى.
<لوگ> فورمال لوگىكىدا، ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىر - بىرىنى چەتكە قېقىش ياكى ئىككى ھۆكۈمنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە راسىت ياكى يالغان بولالماسلىق مۇناسىۋىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.