Uyghurئاساسىي لۇغەت
زىخمۇ كۆيمىسۇن كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر\«زىخمۇ كۆيمىسۇن، كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن»3بۇ، بىرەر ئىشتا ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىسىغا زىيان يەتكۈزمەي، مەسىلىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئادىل، توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ: - قازاق دېگەنمۇ مۇسۇلمان، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزمۇ شەرىئەت ھۆكمىگە رازى بولىدۇ. مۇنداقتا زىخمۇ كۆيمەيدۇ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ، - دېدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.