Uyghurئاساسىي لۇغەت
زىرائەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېرىقچىلىق، دېھقانچىلىق؛ زىرائەت:
زىرائەت ئىشدا رىيازەت قىلىپ،
رىيازەت ئىشىدا زىرائەت قىلىپ.
غەرىبى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىكىن، ئەكمەك، تېرىماق، تېرىقچىلىق، دېھقانچىلىق؛ زىرائەتلىق - ھوسۇلدار، چىقىشلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېتىزدا ئۆسۈۋاتقان ئاشلىق.
ئەتىيازدا ئۇرۇق سېلىنمىسا، يازدا زىرائەت ئۆسمەيدۇ. مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم باشقىلار تېرىپ قويغان زىرائەتنى ئورۇۋېلىشلا، خالاس. ئېكىن ئەككىن ئېڭىزغا، يىغىۋالغىن ئېتەككە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزا ئىگىلىكىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر. ئۇ ئاشلىق زىرائەتلىرى، ياغلىق دان، كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخ ۋە سانائەت خام ئەشياسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كېۋەز، تاماكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.