Uyghurئاساسىي لۇغەت
زاۋىيە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: زەۋايا. بۇرجەك، ئۆي بۇرجىكى؛ بۇلۇڭ.
چەت باي، شەھەردىن يىراق بولغان جاي:
ۋائەرەئى قىسمەتتۇر ئۇ سەرگەشتەئى تەقدىر،
كىم سەيرگەھى بادىيەۋۇ زاۋىيەلەردۇر.
مەشھۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۇلۇڭ - پۇچقاق، بۇرجەك؛ ھوجرا.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «بۇلۇڭ» دېگەنلىك بولىدۇ. دەسلەپ مەسچىتلەردە ئىستىقامەت قىلىدىغانلارغا مەسچىت تەۋەسىدىن بېرىلگەن جاي كۆزدە تۇتۇلغان. كېيىن مۇستەقىل كىچىك تىپتىكى قۇرۇلۇشلارغا تەرەققىي قىلىپ، ھويلا ياكى كىچىك مەسچىت بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ يەردە ناماز ئوقۇغان، ئىستىقامەت قىلغان ھەمدە دىنىي بىلىملەردىن دەرس ئۆتۈشنى ئۇيۇشتۇرغان. كېيىن سوپىلار شەھەر، يېزىلاردا زاۋىيە قۇرۇپ، سوپىلارنىڭ ئىستىقامەت ئورنى قىلغان. زاۋىيە ئادەتتە ناماز ئوقۇلىدىغان ئۆي، ساھىبلار ياكى ئەۋلىيالار قەبرىسى، تىلاۋەتخانا، دەرسخانا، ئارام ئېلىش ئۆيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ⅩⅣ ئەسىردە مەغرىب ئەللىرىدە زاۋىيە ئەۋج ئېلىپ، ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى قىرائەتخانىلار مەدرىسە بولۇپ تەرەققىي قىلغان. زاۋىيەنىڭ ئەتراپىدا بەزى مەھەللىلەر شەكىللەنگەن. ⅩⅥ — ⅩⅤ ئەسىرلەردە شىمالىي ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسپانىيە خرىستىئان دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرىدىغان بازىسى بولغان. مىسىردىكى ئەييۇب سۇلالىسى، مەملۈك سۇلالىسى ۋە ئوسمانلى دەۋرىدە شەھەرلەرنىڭ سىرتىدا كۆپلەپ زاۋىيەلەر سېلىندى. مەسىلەن، ئەبۇ سۇئۇد زاھىر يۇنۇس قاتارلىق مەشھۇر زاۋىيەلەر شۇ چاغلاردا سېلىندى. بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ يان ئۆيلىرىمۇ زاۋىيە دەپ ئاتىلىپ، ۋەز ئېيتىدىغان سورۇن قىلىندى. مەسىلەن، مىسىردىكى ئۆمەر بىننى ئاس مەسچىتىدىكى ئىمام شافىئىي زاۋىيەسى ۋە ئەزھەر مەسچىتىدىكى «ئەمالار زاۋىيەسى» شۇنداق قىلدى. ئىسلام دىنىدىكى بەزى پىرقىلەر ياكى مىستىتسىزمچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىمۇ زاۋىيەدىن ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇقنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ بازىسى سۈپىتىدە پايدىلاندى. مەسىلەن، سەنۇسىلارنىڭ زاۋىيەسى ئۈچ جايدىكى كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئۆيلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى قىرائەت، ئىستىقامەت قىلىشقا، ۋەز ئېيتىشقا ۋە شەرىئەت ئىشلىرىغا، يولۇچىلارنىڭ يېتىشىغا ئىشلەتتى. زاۋىيە سالىدىغان جاي سۇغا يېقىن يەرلەردىن تاللاندى. شىمالىي ئافرىقا ۋە سۇداننى ھېسابقا ئالمىغاندا، سەنۇسىلار بەلغە (ھازىرقى لىۋىيە چېگرىسى ئىچى) دە 38 ، ترىبولىدا 18 ، مىسردا 20 زاۋىيە سالدى.